ھازىرقى ئورنىڭىز: رومان > ئانامنىڭ قاتىلى
A+ A-

-1-قىسىم

نەزەر سىرتتىن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قاتارىغا ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي سەمىرىپ كەتكەن دىلو بىجىرگۈچى خادىم سوت زالىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىغا كېلىپ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن: ــ سوت باشلاندى ــ دەپ ۋاقىرىدى. بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭ ھەممەيلەن گۈررىدە ئورنىدىن تۇردى.كوللىگىيە باشلىقى بىلەن سوراقچىلارمۇ كەينى كەينىدىن زالدىكى ئېگىز سۇپىغا چىقتى.كوللىگىيە باشلىقىنىڭ بويى ئېگىز،ئىككى يوتىسى توم، مۇشتۇملىرى خۇددى سېپىل سوقىدىغان بازغاندەك بولۇپ،سوتخانىدىكى جىددى كەيپىياتقا يەنە بىر تۈرلۈك سۈرلۈك تۈس قوشقانىدى.سوراقچىلار بىلەن بىللە قوسىقى پۇتلىرىنىڭ ئارىسىغا ساڭگىلاپ چۈشكەن يۈزلىرى ئىششىق مەخسۇس تەپتىش ۋە جاۋابكارلارنىڭ ئادۋۇكاتلىرىمۇ كەلدى. كوللىگىيە باشلىقى بەزى ھۆججەتلەرگە جىددى كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن،جاۋاپكارلارنى زالغا ئېلىپ كىرىشكە بۇيرۇق بەردى.بۇنىڭ بىلەن زالنىڭ يېنىدىكى ئىشىك دەرھال ئېچىلىپ ئىككى ساقچى ئەڭ ئاۋال مەھبۇسلار كىيىمى كىيىۋالغان بىر ئەرنى ئېلىپ كىرىپ جاۋاپكارلار ئورنىغا تۇرغۇزۇشتى. ئەرنىڭ قۇيۇق قوشۇما قاشلىرى، چاقناپ تۇرغان قاپقارا چوڭ كۆزلىرىگە قارىغان ھەرقانداق ئادەمدە ئۇنىڭغا قارىتا ئىختىيارسىز مايىللىق پەيدا بولاتتى.مۇشۇنداق كېلىشكەن بىر ئەرنى مۇشۇ قېتىمقى ئالدامچىلىق جىنايىتىنىڭ باش تەشكىللىگۈچىسى دېسە ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئەرنىڭ كەينىدىن يېشى ئوتتۇز بەشلەردىكى يەنە بىر ئەرمۇ كىردى.ئۇ جاۋاپكارلىق ئورنىغا كېتىۋاتقاندا ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرۇشقان ئائىلە تاۋاباتلىرىغا باش لىڭشىتىپ،كۈلۈمسىرەپ سالام قىلىپ قويدى.ئۇنىڭ ياڭاق سۆڭىكى بۈرتۈپ چىققان،يۈزىنى بىمەھەل قورۇقلار باسقان بولسىمۇ، كۆزلىرى نۇرلۇق روھى تېتىك ئىدى.سوت ئىشتىراكچىلاردىن ئۈچتىن بىر قىسىم ئادەم ئۇنىڭ تۇغقىنى،دوست بۇرادەرلىرى،خىزمەتداشلىرى بولسا كېرەك،مەيدان بىر پەسكىنە داۋالغۇپ، ئۇ يەر بۇ يەردىن مىچىلداپ يىغلىغانلارمۇ بولدى. ـــ ئۇ مېنىڭ ئاغىينەم...ـــ دېدى پاكار بويلۇق ئادەم،نەزەرگە پەس ئاۋازدا،ئۇ نەزەرنىڭ مۇشۇ سوت مەھكىمىسىدە مەھكىمە باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ــ ئۇ بىز خېلىلا ھۆرمەت قىلىدىغان،پەخىرلىنىدىغان زىيالى،بىر ئىدارىدە باشقۇرغۇچى ئىدى.كىم بىلدى دەيسىز،خۇددى جىن ئۇرغاندەك ئۆتكەن يىلى ئاۋۇ ۋەلى دېگەن كاززاپ بىلەن بىر سورۇندا تونۇشۇپ قاپتۇ.ۋەلى ئۆزىنى چەتئەلگە ئوقۇشقا بارىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن مەكتەپ ئۇقۇشۇپ بېرىدىغان شىركەتتە ئىشلەيمەن،ھەم پاسپورتمۇ بېجىرىمىز،چەتئەلگە بېرىپ ئوقۇشنى ئويلاۋاتقان تۇققانلىرىڭىز بولسا،رەسمىيەتلەرنى بىز بېجىرىپ بېرەيلى،مۇبادا،تونۇشلىرىڭىز كۆپ بولسا،تايىنلىق سىزمۇ ھەمكارلاشقۇچى بولۇپ ئارىدا ھەم ھاجەتنى راۋا قىلىڭ ھەم پايدىمۇ تېپىڭ،دېسە،ئىسمايىل قىزىقىپ قاپتۇ.ھەم ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىش،يۈرىكىنى توختىتىش ئۈچۈن ۋەلى بىلەن مەخسۇس ئۇلارنىڭ بېيجىڭدىكى باش شىركىتىگە ئىككى قېتىم بېرىپمۇ كەپتۇ.ئۇنىڭ بېيجىڭدا كۆرگىنى كۆلىمى ناھايىتى چوڭ،خىزمەتچىلىرى رەتلىك كىيىنىپ،كىرىپ چىقىۋاتقان خېرىدارلارغا ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان چوڭ شىركەتكەن.ۋەلى ئۇنى شىركەتنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپتۇ.شىركەت مەسئۇلىنىڭمۇ ھېچقانداق گۇمانلانغۇدەك يېرى يوق،ئۆزىنى ناھايىتى چوڭ تۇتىدىغان،نەچچە مىليارتلىق سودىنىڭ گېپىنى قىلىدىغان ئادەم ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەت ئاغىينىمىزگە ناھايىتى ئىشەنچلىك تۇيۇلۇپتۇ-دە،تۇيمايلا بۇ ئالدامچىلىق شايكىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ قاپتۇ... ــ شۇنداقمۇ؟ــ دېدى نەزەر پەقەت ھۆرمەت يۈزىسىدىنلا جاۋاب بېرىپ.دېمىسىمۇ ئۇ ئادەم توغرا ئېيتىۋاتاتتى.ھەقىقەتەن،بۇ دىلونىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ،زىيانغا ئۇچرىغانلار جىق ۋە جەمىيەتتىكى تەسىرىمۇ ئېغىر ئىدى.دەل شۇ سەۋەبتىن،نەزەر بۇ يەرگە سوت جەريانىنى ئاڭلاپ بېقىش،توغرىسى ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەنىدى. ـــ شۇ...ئۇ شىركەت ئەسلى ساختا پەيدا قىلىنغان شىركەتكەن قاراڭ،شىركەتكە كىرىپ چىقىۋاتقانلار،خىزمەتچىلەرمۇ،خېرىدارلارمۇ ھەممىسى ئالدامچىلار ئىكەن.ئەمما ماۋۇ ئاداش بۇنى تۇيماي،خوتەن قەشقەر،ئاقسۇ،كورلا قاتارلىق يەرلەردىكى تونۇشلىرى،تونۇشلىرىنىڭ تونۇشلىرىغا چەتئەلگە چىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى،ئارزۇ قىلغان مەكتىۋىگە ماڭدۇرىمەن،ھەم ۋاكالىتەن پاسپورت بېجىرىمەن،دەپ،نۇرغۇن پۇل ئاپتۇ،ھەم يىغقان پۇلنى ئۇدۇللۇق «باش شىركەت»كە ئۇرۇپ بېرىپتۇ.ئىسمايىلغا ئوخشاش بۇنداق ئىشەنچلىك ئادەم مەكتەپ ئۇقۇشۇپ،پاسپورت بېجىرىپ...دېسە،خەق ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن گۇمانلانمايدۇ-دە.ھېلى ئاڭلايسىز،پەقەت مۇشۇ ئاغىينىمىزلا خەقنىڭ 10مىليۇندىن كۆپ پۇلىنى ئاپتۇ.ئەمما ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىپ،دېگەن قەرەل ئۆتۈپ بولغاندىمۇ،باش شىركەت مانا،ئەنە،ئەتە،ئۆگۈن دەپ ۋەدە قىلغان ۋېيزىلار،تەكلىپلەرنى ماڭدۇرالماپتۇ.بۇنىڭ بىلەن،زىيانلانغۇچىلار توپلىشىپ ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەرز قىلىش ئۈچۈن كەپتۇ.ئىسمايىل،ۋەلىگە تولا تېلفۇن قىلىپ،ئۇچۇر يوللاپمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمەپتۇ.ئەمىليەتتە ۋەلى دېگەن بۇ ئەبلەخ،خوتۇنى بىلەن ئاللىقاياقلارغا قېچىپ كېتىپتىكەن.پەقەت شۇ ۋاقىتتىلا بۇ ئاغىينە ئۆزىنىڭ نەقەدەر چوڭ بىر خاتالىققا يول قويغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ،ئۇدۇل ساقچىخانىغا ئۆزىنى مەلۇم قىپتۇ....كۆردىڭىزمۇ؟بۇ ئاغىينەم ئۆزىنىڭ قۇيۇلۇپ كەتكىنى ئاز كەلگەندەك،مانا ئەمدى جاۋابكار... شۇ چاغدا ئالدىنىڭ يېشى ئاتمىشقا ئۇلاشقان،كەينى تېخى 25كە توشمىغان ھەر مىللەتتىكى ئون ئىككى ئادەمنىڭ ئارقا ئارقىدىن جاۋاپكارلىق ئورنىغا كەلتۈرۈلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ پارىڭى ئۈزۈلۈپ قالدى.ئارقىدىن گۇۋاھچىلارمۇ بىر بىرلەپ ھازىر بولدى. ــ گۇۋاھچىلار تولۇق كېلىپ بولدىمۇ؟ـــ دەپ سورىدى سوتچى. ــ زىبا زىياۋۇدۇندىن باشقىلىرى كېلىپ بولدى.ــ دېدى دىلو بېجىرگۈچى سوتچى. «زىبا زىياۋۇدۇن»دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىغاندا،گويا كۆزگە كۆرۈنمەس بىر ئىشىك تۇيۇقسىز ئېچىلىپ كېتىپ،نەزەرنىڭ ھۇۋۇلداپ كەتكەن كۆڭۈل خانىسىغا باشقا بىر دۇنيانىڭ سوغوق شامىلى قايتىدىن غۇيۇلداپ كىرىپ كېلىۋاتقاندەك،ئۇ بىردىنلا ئەندىكىپ كەتتى. ــ نېمە ئۈچۈن كېلەلمىدى؟ ــ كېلىۋاتىدۇ ئەپەندىم،مۇشۇ تاپ يولدا...ھە ھە...مانا ئۆزىمۇ يېتىپ كەلدى. شۇ چاغدا ھەممەيلەننىڭ كۆزى سوت زالىغا تاقىلداپ دەسسەپ كىرىپ كېلىۋاتقان چىرايلىق بىر ئايالغا قادالدى.ئايال بەكمۇ تەمكىن ئىدى.ئۇ گۇۋاھچىلار ئورنىغا كېتىۋاتقاندا،خۇددى بۇ يەر بىلەن پىشىق تونۇشىدىغاندەك،ياكى ھېچكىمنى نەزىرىگە ئىلمايۋاتقاندەك پەلتۇسىنى ھودۇقماستىن سالدى،ۋە ئۇنى بۈدۈر چاچلىرىنى بېسىپ تۇرغان قىزىل رەڭلىك قىشلىق شىلەپىسى بىلەن بىللە بۇلۇڭدىكى تۈمۈر ئىلغۇچقا ئېسىپ قويۇپ،ئاندىن ئۆز ئورنىغا جايلاشتى.شۇ ئارلىقتا ئەرلەر ئايالنىڭ ئاپپاق يۈزىدىن،چوڭ چوڭ شەھلا كۆزلىرىدىن،تار ئۈستىلىكىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كۆكسىدىن ئۇزاققىچە كۆزلىرىنى ئالالمىدى.ھەتتا پۈتۈكچى چوكانمۇ ئۇ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا كۆزىنى ئالالماي تاكى ئۇ گۇۋاھچىلار ئورنىغا بېرىپ بولغۇچە قاراپ تۇردى. ــ باش جاۋابكارنىڭ خوتۇنى زىبا شۇ...ــ دېگەن پىچىرلاش،غۇل غۇلىلار بۇ يەرگە يىغىلغان ھەربىر ئادەمگە ئۇنىڭ كىملىكىنى ئاشكارلاپ بولغانىدى.خوتۇنى دېگىنى بىلەن،ئۇ ئايال،باش جاۋابكارغا،مۇنداقراق قاراپمۇ قويمىدى.تېخى ھەيران قالغاندەك،بېشىنى تىك كۆتۈرۈپ ئۆزىگە قادىلىپ قالغان سوتچىغا،زاستاتىللارغا،سوت مەيدانىدىكى ئادەملەرگە «نېمە بولدى؟ئەجەپ قاراپ كەتتىڭلارغۇ؟مېنىڭ بىر يېرىمدە بىر ئەيىب بارمىكەن؟يە ئېچىلىپ قالغان يەرلىرىم بارمۇ؟»دېگەندەك تەكشى قاراپ قويىۋىدى،كىشىلەر ئۆزىچە ھودۇقۇپ،ھەتتا ھېيىقىپ كۆزلىرىنى ئۇ نۇرلۇق كۆزلەردىن دەرھال ئەپقاچتى.پەقەت ۋەلىلا خوتۇنىنى ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغاندەك ئاغزىنى ھاڭ ئېچىپ،ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇراتتى. لىللا گەپنى قىلغاندا،بۇ يەردە ھەممىدىن بەك ھەيرانلىقتا قالغان دەل مەھكىمە باشلىقى نەزەر ئىدى.زىبانى تونۇپ قالغان مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈرىكى خۇددى ئايرۇپىلان ۋاكۇم بوشلىقىدىن بىراقلا تۆۋەنگە شۇڭغۇپ نەچچە ئون مىڭ گەز چۈشۈپ كەتكەن چاغلاردىكىدەك شىددەت بىلەن سوقۇپ كەتتى.چۈنكى،ئۇ زىبا زىياۋۇدۇننى تونۇيتتى.تونۇيتتىلا ئەمەس،ئۇ بۇ ئايالنى بىر چاغلاردا سۆيگەنىدى،سۆيگەنىدىمۇ يىگىتلەردەك،ھەقىقى ئاشىقلاردەك،سەنئەتكارلاردەك چىن دىلىدىن سۆيگەن ۋە ئۇنىڭغا ئاشىق بولغان ئىدى.ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇسكى بۇ ئاشىقلىقنىڭ ئۇنىڭغا قالدۇرغىنى بىر دۆۋە كۈل،ئۆمۈرلۈك پۇشايمان ۋە يۈرەككە ھەرۋاقىت ئوغۇرى تىكەندەك سانچىلىپ تۇرىدىغان ئاچچىق ساۋاق ئىدى. زىبا گويا بۇلۇتلۇق ئاسماندىكى يىگانە يۇلتۇزدەك بۇ يەردىمۇ مەزمۇت ئولتۇراتتى.ئەينى يىللىرى ئۇ مەكتەپ بويىچە گۈزەل ھۆسۈن جامالى بىلەن قانداق نۇر چاچقان بولسا،مۇغەمبەرلىك،ھاكاۋۇرلۇق چىقىپ تۇرغان ئاشۇ كۈكۈچ كۆزلىرى مانا شۇ تاپتىمۇ كىشىگە خۇددى بۇ يەردىكى بارلىق ئەرلەرنىڭ روھى دۇنياسىنى ئاپئاشكارە كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەكلا تۇيغۇ بېرەتتى. كوللىگىيە باشلىقى جاۋاپكارلار تەرەپكە بۇرالدى. ــ ئىسمىڭ نېمە؟ ــ ۋەلى قادىر ــ تېگى تەكتىڭ؟ ــ سودىگەر نەچچە ياشقا كىردىڭ؟ ــ قىرىق بەش ياشقا. ــ ئەيىبنامىنى تاپشۇرۋالدىڭمۇ؟ ــ ھەئە... ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ شۇ تەرىقىدە جاۋابكارلاردىن بىر بىرلەپ سۇئال سوراشلار باشلاندى.ئاندىن كاتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئەيىبنامىنى ئوقۇشقا كىرىشتى. جاۋابكارلارنىڭ ئادۋۇكاتلىرى بولسا كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ،قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ خۇددى جەڭگە تولۇق ھازىرلانغان ئەسكەرلەردەك تىك ئولتۇرشاتتى. ئەيىبنامىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى نەزەرنىڭ يېنىدىكى،جاۋابكارنىڭ ئاغىينىسى ئېيتقاندەك ئىدى.ۋەلى باشلىق بۇ يەتتە ئادەم فىرانسىيە،ئامىرىكا،نورۋىگىيە،ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا بارماقچى بولۇپ،شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن،رەسمىيىتىنى بېجىرەلمىگەن نەچچە يۈز ئادەمنىڭ بەزىلىرىگە ساختا پاپورت،بەزىلىرىگە ساختا «تەكلىپنامە» بېجىرىپ X يۈئەن قىممىتىدە ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن،ئۇندىن باشقا ئىسمايىلغا ئوخشاش يۈز ئابرۇيى،تەسىرى بار كىشىلەرنىمۇ بۇ جىنايەتكە تۇيدۇرماي سۆرەپ كىرىپ،ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ساختىلىقلارنى قىلغانىدى. كاتىپ تەپسىلاتلار ئايرىم ئايرىم ئېنىق دەلىللەر بىلەن يېزىلغان ئەيىبنامىنى ئوقۇپ بولغاندا،ھەممەيلەن ۋەلىگىلا قادىلىپ قالغانىدى.ئەمما ۋەلى كاتىپنىڭ ئوقۇغانلىرىغا، سەن بۇنىڭغا نېمە دەيسەنكىن، دېگەندەك پات پاتلا ئايالىغا ــ زىباغا قاراپ قوياتتى.ئەمما خوتۇنىنىڭ ئۆزىگە نەزەر گۈزىنىمۇ سېلىپ قويمايۋاتقانلىقىدىن ئەلەملىنىپ،ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە ئېغىر ئېغىر خۇرسىنىپ قوياتتى. ـــ ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈڭ،ــ دېدى باش سوتچى زىبانىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قاراپ،ئەمدى گۇۋاھچىلاردىن سۇئال سوراش باشلانغانىدى. ـــ ئىسمىم زىبا زىياۋۇدۇن.بىر مەزگىل تاشقى سودا ئىدارىسىدا ئىشلەپ باققان.ھازىر مۇقىم ئىش ئورنۇم يوق. ــ سىز ۋەلىنىڭ ئايالى،شۇنداقمۇ؟ ــ ياق،مەن ئۇنىڭ ئايالى ئەمەس،پەقەتلا بىز ئىلگىرى بىر مەزگىل مۇھەببەتلەشكەن.ھازىر بۇ مۇناسىۋەت ئاياقلاشتى. زىبانىڭ بۇ جاۋابى ئولتۇرغانلارنى يەنە بىر قېتىم ھەيرانۇ ھەس قالدۇردى.سۆزسىزكى ھەممىدىن ھەيران ۋە ئۈمىدسىز بولغىنى ۋەلى ئىدى.ئۇ ئالدىغا ئۆمتۈلۈپ،خوتۇنىغا بىرنېمىلەرنى دېيىش ئۈچۈن قېلىن لەۋلىرىنى ئۆمەللىدى-يۇ يەنە سوتچىنىڭ بىر ئىشارىسى بىلەن توختاپ قالدى. ــ ۋەلى سىزنى ئايالىم دەپ گۇۋاھلىققا تارتتى.بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟ ـــ بىزنىڭ تويلىشىش گۇۋاھنامىمىز يوق.تەكشۈرۈپ كۆرسەڭلەر بولىدۇ.ــ دېدى زىبا تېخىمۇ ۋەزمىن ھالدا.شۇنداق دەۋاتقاندا چىرايىدا ھېچقانداق يۈز كېلەلمەسلىك،خىجىل بولۇش ئىپادىسى يوق ۋەلىگە ئوخشاشلا قاراپ قويمايتتى.نەچچە يىل بىللە تۇرغان خوتۇنىنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق گەپ چىقىدۇ،دەپ،ئويلىمىغان بولسا كېرەك، ۋەلى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كەينى كەينىدىن باش چايقاپ كەتتى ۋە كېيىن ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ بېشىنى تۆۋەن سالدى. ــ ھە...ــ سوتچى يېنىدىكى ياردەمچىسىگە نېمىلەرنىدۇر دەپ پىچىرلاپ قويىۋىدى،ياردەمچى سوتچى سوت مەيدانىدىن دەرھال چىقىپ كەتتى،ــ دېمەك،نىكاھلىنىش گۇۋاھنامەڭلەر يوق،بىللە تۇردۇڭلار،شۇنداقمۇ؟ ــ شۇنداق،بىز ياشتا چوڭ ئادەملەر،ئۆز ئىختىيارلىقىمىز،ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن بىر مەزگىل بىللە تۇردۇق. ـــ چۈشىنىشلىك...بولىدۇ،سوت تەكشۈرۈپ كۆرىدۇ....ۋەلى خىيانەت قىلغان بىر مىليۇن يۈئەن پۇلنى سىزگە خەجلەپ بەردىم،دەپ، ئېيتتى.بۇنى تەن ئالامسىز؟ ــ شۇنداقمىكەن؟...ھىم،شۇنداق بولدىمۇ؟ـــ دېدى ئۇ بىردىنلا تۇنجى قېتىم ئېرىگە تىكىلىپ قاىۋېتىپ،ـــ بوپتۇ، شۇنداقمۇ بولسۇن،ماقۇل... ئەمما مەن ئۇنى ماڭا پۇل خەجلەپ بەر دەپ مەجبۇرلىمىدىم. ئۇنىڭ پۇلىنى خەجلىشىم پۈتۈنلەي ۋەلىنىڭ رازىلىقى بىلەن بولدى.يەنە كېلىپ مەن ئۇنىڭ بۇ پۇللارنى ئالدامچىلىق بىلەن تاپقانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن،ئۇ،ئۆزىنى ماڭا ئۆي مۈلۈك سودىگىرى،دەپ،تونۇشتۇرغان.شۇڭا بۇ يەردە مەنمۇ بىر ئالدانغۇچى،زىيانلانغۇچى... «بۇنداق قىزلارنىڭ مۇھەببىتى يۈرىكىدە ئەمەس،كاللىسىدا بالام،ئۇلار ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى ياخشى كۆرمەيدۇ.ئەگەر ياخشى كۆرسە ئىدى،بۇنداق كەيپى چاغ،مۇنداق شوخ بولالمايتتى!...» نەزەرنىڭ يادىغا ئانىسى رەھمەتلىكنىڭ زىبانى بىر قېتىم كۆرۈپلا ئېيتقان شۇ گەپلىرى كەچتى. ـــ قاراپ تۇر،ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختسىز ئايال بولۇپ قالىدۇ...ـــ دېگەنىدى ئانىسى يەنە... ئۆتمۈش گويا يىرىڭلاپ كەتكەن يارىغا ئوخشايدۇ.ئۇنتۇپ كېتەي دېسەڭمۇ قۇلۇڭ ھەرقاچان بۇ يارىغا تېگىپ كېتىدۇ.ئىنسان كەچمىشىدە ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىغان ھەم ئۇنتۇپ كېتىشكە بولمايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار، ئېيتايلۇق،بىرىنچى قېتىم كۆيگەن قىز،بىرىنچى قېتىم يۈز بەرگەن ئىشلار،بىرىنچى قېتىم سۆيۈشكەن ئادەم... بىر ياخشىلىق،يەنە جان جېنىڭنى قاقشىتىۋېتىدىغان بىر خائىنلىق، يۈزسىزلىك.

2-قىسىم

2-قىسىم نەزەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا كۆچكەن يىلى، تۆۋەن يىللىقتىكى زىبا ئىسىملىك بىر قىزغا ئىختىيارسىز مەپتۇن بولۇپ قالدى.زىبانىڭ قاش كىرپىكلىرى تۈكۈلۈپ تۇراتتى.قاپقارا ئۇزۇن چاچلىرىنى ئىككى ئۆرۈمە قىلىۋالغان،باشقا قىزلارغا ئۇنچە ئوخشاپ كەتمەيدىغان ھەم مەدەنى ھەم چىرايلىق كىيىملىرى ئۇنىڭغا باشقىچە بىر سۈلكەت ئاتا قىلغانىدى.نەزەرگە نىسبەتەن،بۇ قىز گويا تېخى يېزىلمىغان گۈزەل بىر شېئىرغىلا ئوخشاش بولۇپ،ئۇنىڭ ساددا غۇبارسىز يۈرىكى،كەلگۈسىدە چوقۇم مۇشۇ قىز بىلەن توي قىلىمەن،ئۇنى ھېچكىشىگە تارتقۇزۇپ قويمايمەن،دەپ،ئۆز ئۆزىگە قەسەم ئىچتى. نەزەرنىڭ چىراي شەكلى ئادەتتىكىچە،بويى پاكارراق بولغىنى بىلەن،ئۇ چاغلاردا ئۇ سىنىپ باشلىقى،دەرسلەردىمۇ ناھايىتى ياخشى،مۇئەللىملەرنىڭ كۆزى،مەكتەپنىڭ پەخرى ئوقۇغۇچىسى ئىدى.رايۇن تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەيتتى.شۇڭلاشقا كىچىككىنە جېنىغا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئابرۇيى بار،بالا ئىدى.تەبىكى،زىبامۇ ئۇنىڭغا خېلىدىن بۇيان دېققەت قىلىپ كېلىۋاتاتتى ھەم كۆڭلىدە بۇ چېچەن ئوغۇل بالىغا مايىل ئىدى.كېيىن نەزەر تەشەببۇسكار بولغاندىن كېيىن ئۇلار پات پات ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان،ئۆيىگە قايتىدىغاندا بىللە ماڭىدىغان بولۇشتى.ئىنتاھان ۋاقىتلىرىدا بىللە دەرس تەكرارلايتتى،تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەيتتى.يېقىن ئۆتىدىغان باشقا قىز ئوغۇل ساۋاقداشلار بىلەن بىللە يېقىن ئەتراپتىكى باغچىلارغا،يىغىلىشلارغا بېرىپ،ساپ ساددا كۆڭۈل ئېچىشلارنى قىلاتتى. ئۇ چاغلاردا،نەزەرنىڭ ئاتا-ئانىسى كەمبەغەل دېھقان زىبانىڭ بولسا باي سودىگەر ئىدى.پەقەت مۇشۇ پەرقلا نەزەرنىڭ كۆڭلىدىكى چىگىش مەسىلە بولۇپ،بۇ چىگىش ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئوقۇپ،كەلگۈسىدە ئەڭ ئېسىل مەكتەپلەرگە ئۆتۈشى ئارقىلىقلا يېشىلىپ كېتەتتى.نەزەر بۇ تەرپىگە ئىشىنەتتى.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى جەھەتلەردىن تېخىمۇ مۇنەۋەر بولۇشقا تىرىشاتتى. شۇ ھالدا بىر يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندە، زىبانىڭ ئائىلىسى تۇيۇقسىز شەھەرگە كۆچۈپ كەتتى.بۇ ھال نەزەرگە قاتتىق ئېغىر كەلدى.ئۇ زىبانى سېغىنىپ ئىككى يىلغىچە ئۇنىڭغا نۇرغۇن خەتلەرنى يازدى.زىبامۇ دەسلەپ پات پات جاۋاب خەت يېزىپ تۇردى،بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىر نەچچە پارچىلا خەت يېزىپ،كېيىن يازمايلا قويدى.ئۈچىنچى يىلغا كەلگەندە ئارىدىكى ئالاقە پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ،نەزەرنىڭ يازغان خەتلىرىمۇ قايتىپ كەلدى. شۇ چاغدا ساۋاقداشلارنىڭ ئارىسىدا،زىبانىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا ھەر خىل گەپلەر چىقىشقا باشلىدى.بەزىلەر ئۇلارنى ئۈرۈمچىگە چىقىپ كېتىپتۇ دېسە،بەزىلەر ئىچكىردىكەن دېيىشتى.ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋەيران بوپتۇ،ئەر ئايال ئاجرىشىپ،زىبا ئانىسى بىلەن قورغاستىكەن،دېگەنلەرمۇ بولدى.بۇ گەپلەرنىڭ قايسىسىنىڭ راست،قايسىسىنىڭ يالغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ،زىبانىڭ ئاشۇ باي باياشات ئائىلىسىنىڭ يىمىرىلگەنلىكى ئېنىق ئىدى. بۇ ھال نەزەرنى چەكسىز ئازاپقا قويدى.كىچىككىنە يۈرىكى قانچە تىپىرلىسىمۇ ھېچ ئىش قىلالمىدى.كېيىن ئۇ زىبادىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ،پۈتۈن دىققىتىنى ئالى مەكتەپ ئىنتاھانىنىڭ تەييارلىقىغا قاراتتى.ئاخىرى ۋىلايەت بويىچە ئەلىيۇل ئەلا بولۇپ،مەركىزى شەھەرنىڭ سىياسى قانۇن ئۇنۋىرستىتىغا ئوقۇشقا كىردى.بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىدىكى قىسقا ئەمما كۆڭۈللۈك ئۆتكەن بۇ ساپ،ساددا مۇھەببەت ھېچقانداق بوران چاپقۇن،شىۋىرغاننىڭ سىنىقىغا ئۇچرىماي تۇرۇپلا ئۆزلىكىدىن يوققا چىقتى.شۇنداقتىمۇ زىبا بىلەن توي قىلش ئارزۇسى گويا شېرىن بىر چۈشتەك نەزەرنىڭ خىيالىدىن كەتمەيتتى.پەقەت ئالى مەكتەپكە بارغاندىن كېيىنلا،ئۇ،سەل بېسىقىغا چۈشۈپ،زىبا توغرىسىدا قالايمىقان خىياللارغا بېرىلمەيدىغان،ھەتتا كېيىنكى يىللاردا ساۋاقداش قىز ھەمىدەگە قانات سۆرەپ،ئۇ قىزغا ئانچە مۇنچە كۆڭۈل ئىزھار قىلىدىغانمۇ بولدى. ھەمىدە ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقدېشى،بەك چىرايلىق بولمىسىمۇ ھەققانىيەت ئېڭى كۈچلۈك،گەپنى كەسكىن ئۇدۇل قىلىدىغان قىز ئىدى،ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ ئۇرۇق تۇققاندەك يېقىن ئۆتەتتى.تېخى ئۇلارنى ئارلىشىپ ئۆتسىكەن،توي قىلسىكەن،دەپ،ئارزۇ قىلىشاتتى.بەلكىم زىبانى قايتا ئۇچرىتىپ قالمىغان بولسا،چوڭلارنىڭ بۇ ئارزۇسى تولۇق ئەمەلگە ئېشىپ،نەزەر بۇ دۇنيادىكى ھەممە ئىشى ئوڭغا تارتقان تەلەيلىك بالا بولۇپ قالارمۇ ئىدى.ئەپسۇس، سىنتەبىرنىڭ بىر كەچلىكى.... ئۇ كۈنى،كونا ئوقۇغۇچىلار،يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋېلىش كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزىۋاتاتتى.بۇنداق پائالىيەت ئۇ چاغلاردا خېلىلا ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەچكە،نەزەرمۇ سورۇنغا بۇرۇنلا يېتىپ كەلدى ۋە ئۇ،تەبى بىر قىزىقىش ئىچىدە يېڭى كەلگەن قىز ئوقۇغۇچىلارغا بىر بىرلەپ زەڭ سېلىپ چىقتى.قىزلار بىر بىرىدىن چىرايلىق،بىر بىرىدىن ياش ۋە بىغۇبار كۆرۈنەتتى.ھالبۇكى،ئاشۇ قىزلارنىڭ ئىچىدە خۇددى كۆكتىن چۈشكەن ئايدەك،ياق،دالىدا ئېچىلغان قىپ قىزىل بىر تال چوغلۇقتەك ھەممىنىڭ كۆزى بولۇپ بىر قىز ئولتۇراتتى.نەزەرنىڭ نەزىرى بۇ چوغلۇققا چۈشكەندە،ھاڭ تاڭ بولۇپ تۇرۇپلا قالدى.شۇنداق،بۇ قىز زىبا ئىدى.ئۇ ھازىر تېخىمۇ رەڭ تۈزىگەن،تېخىمۇ نازۇكلىشىپ،ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرگۈدەك دەرىجىدە سۆلكەتكە كىرگەنىدى.تەبىكى ئۇنى بۇ يەردە،قايتا ئۇچرىتىپ قېلىش نەزەر ئۈچۈن تەقدىرنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان يەنە بىر مەرھەمىتى بولۇپ،بۇ قىزغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ ھەرقانداق بەدەللەرنى تۆلەشكە تەييار ئىدى. زىبامۇ ئۇنى كۆرۈپ باشقىچە خۇش بولدى.ھەم ئۆزىنىڭ ئانىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇرىۋاتقانلىقى،دادىسىنىڭ شېنجىندە سودا قىلىدىغانلىقى،ياش بىر خېنىم بىلەن توي قىلىۋالغان بولسىمۇ،ھەرھالدا ئانا باللا ئىككىسىنى تاشلىۋەتمەي ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى،ئائىلىسىدىكى داۋالغۇش تۈپەيلى ئۇنىڭ ئوقۇشى نەچچە يىل كېچىكىپ،بۇ يىل قايتا ئىنتاھان بېرەلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.ئۇنىڭ يېقىملىق تەلەپپۇزى،ئائىلىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى نەزەرنى ئۆز كۆرۈپ قالدۇرماي ئېيتىپ بېرىشى ۋە قىزغىن مۇئامىلىسىدىن ئۇنىڭمۇ ئۇنى ئۇنتۇپ كەتمىگەنىلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئاقىللار توغرا ئېيتىدۇ.مۇھەببەت يۇقۇملۇق كېسەل.بۇ كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلار بالىلاردەك ئەخمەق ساراڭلاردەك سەۋدايى كېلىدۇ.بۇنداق چاغدا ئۇلار ئۈچۈن ئاشىقىنىڭ ئوت بولۇپ يانغان قارا كۆزلىرىلا ئەڭ قىممەتلىك بايلىق بولۇپ،كۆزىگە ئاتا ئانا،يۇرت ماكان،قان قېرىنداش كىرىپ چىقمايدۇ. زىبا بىلەن قايتا ئۇچراشقان شۇ كۈندىن كېيىن نەزەر خۇددى كۆيۈمچان بىر ئەرگە ئوخشاش،قىز ئۈچۈن قىلالىغۇدەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بەردى. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ يېقىن ئەتراپتىكى مەنزىرىلىك يەرلەرگە،بازارلارغا،كىنوخانىلارغا باردى.ئۆزى خىراجەتتىن قىسىنىپ تۇرسىمۇ،زىبانىڭ تۇتقان كىيىملىرىنى ئېلىپ بېرەتتى.ئويۇنچۇق،قونچاقلارنىمۇ سوۋغا قىلاتتى.زىبا شۇنچىكى ئاغرىپ قالسا،جىددىيلىشىپ،دورا توشۇپ،قىزلارنىڭ ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدىدىن كېتەلمەيتتى.ئۇنىڭ بۇ قەدەر مېھرى ۋاپاسىدىن زىبا ئەلۋەتتە تەسىرلىنەتتى.ئۇنى ھەرقانداق گېپىنى،ئارزۇ تەلىپىنى ئېيتقىلى بولىدىغان سىرداش دەپ بىلەتتى.ھالبۇكى،زىبا ئۇنىڭدىن قانچە تەسىرلەنگەنسېرى،ئۇنىڭغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى نەزەرنىڭ پۇلدىن تارتىدىغان زىيىنى شۇنچە ئېغىر بولاتتى.چۈنكى كىچىكىدىنلا باي ئائىلىدە چوڭ بولغان بولغان زىبا ئۈچۈن پۇل پۈچەكنىڭ تېرىقچىلىك قىممىتى يوق ئىدى.ئۇ تاماقنى تاللاپ يەيتتى.كىچىك ئاشخانىلارنى ئەمەس،مۇھىتى راھەت ئازادە پاكىزە تاماقخانىلار بولمىسا،تاماق يىگىلى ئۇنمايتتى.كىيىمنىڭمۇ داڭلىق ماركىلىقلىرىنى كىيەتتى.باغچىلارغا،كۈتۈپخانىلارغا بېرىشقا ئەمەس،كىيىم كېچەك،زىبۇ زىننەت دۇكانلىرىنى ئارىلاشقا خۇشتار ئىدى.بىچارە نەزەر قىزنى خوش قىلىش ئۈچۈن ئۆيىدىن كېلىدىغان ئازغىنە تاماق پۇلىنى ھەرقانچە قىسىپ،ئاچ توق يۈرۈپ،ھەپتە ئاخىرى زىبا ئۈچۈن ئايرىم پۇل ساقلىسىمۇ بۇ پۇل زىبانىڭ بىر كۈنلۈك چىقىمىغىمۇ يەتمەي زىبا يەنە خۇيلانغان ھالدا قايتىپ كېلەتتى.زىبانىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىچارە نەزەر ئۆز ئىرادىسىگە يات ھالدا ساۋاقداشلىرىغا قەرزدار بولدى.ھەپتىدە نەچچە سائەت دەرس تاشلىدى.ئۆزى ھەتتا ئاچ يۈرەتتى.ھالبۇكى،ئۇ زىبانىڭ ئاياق تىۋىشى،ئاۋازىنى،كۈلكىسىنى ئاڭلىسا،قىزنىڭ ئۆزى ئېلىپ بەرگەن كىيىملەرنى كىيىپ كۆز ئالدىدا كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرسە خوشلىقىدىن ھەممىنى ئۇنتۇيتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قىزغا ئاشىقلىقىنى سەزدى.ھەقىقەتەن،زىباغا ئىككىنچى قېتىم ئاشىق بولغانىدى. شۇنىسى ئېنىقكى ،ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن زىبانىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجى،پۇلنى سۇدەك خەجلىشى،چوڭ قوللىقى،يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدىكى راھەت قوغلىشىشى نەزەرنى تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەشكە،تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشقا مەجبۇر قىلدى.چۈنكى زىبادىكى ئۆزگۈرۈشلەر ئۇنىڭ قىممەت باھالىق،رەت رەت كىيىملىرىدىلا ئەمەس،ئۇنىڭ روھى دۇنياسى قاراشلىرىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىدى.ئەمدى ئۇنىڭ پۇلنى سۇدەك خەجلەيدىغان تۇنۇشلىرى كۆپىيىپ كەتكەن،باردى كەلدى قىلىدىغان ئادەملىرى مۇرەككەپ ئىدى.تېخى مەكتەپتە مۇتىھەملىكتە نام ئالغان باينىڭ ئوغلى غەيرەتكە«تۇققان» چىقىپ قالدى.غەيرەت شۇ يىللاردا مەكتەپنىڭ چوڭ «ئاكىسى» ئىدى.ئوخشاشلا،ئۇنىڭ نەزەر بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاختىمۇ بۇرۇنقىدىن ئازلاپ كەتكەن،بىللە بىر يەرگە بارسىمۇ خۇددى مەجبۇرلىنىۋاتقاندەك،كۆڭلى ئېچىلمايتتى.ناھايىتى ئەرزىمەس ئىشلارنى باھانە قىلىپ،ئىككى گەپنىڭ بىرىدە ئايرىلىپ كېتەيلى،دەپ جىدەل قىلاتتى... ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ نەزەرگە زىبانىڭ ئۆزىدىن نېمە ئۈچۈن يىراقلىشىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس ئىدى.يەنى ئۇ،بۇ چاققا كەلگەندە زىبانىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالماس بولۇپ قالغانىدى.شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بۇ تۇنجى ئىشىقتىن شۇنداقلا ۋاز كەچكۈسى،زىبادىن ئايرىلىپ بىر كۈنمۇ ياشىغۇسى يوق ئىدى.شۇڭا ئۆزىنى ئالداشقا باھانىسى تەييار ئىدى.زىبانى كىچىكلىك قىلىۋاتىدۇ،پەقەت سەۋر قىلسام،ساداقىتىم،مۇھەببىتىمنى ئىپادىلىيەلىسەملا،ھامان ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىمەن،كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەلكى ئۇ كۆزلىرىدىن ياش ئاقتۇرۇپ تۇرۇپ مېنىڭدىن ئەپۇ سورايدۇ،دەيتتى.باشقا ئېلاجى بولمىغاچقا ئانىسىدىن،ئاكىسىدىن ئارقا ئارقىدىن پۇل تەلەپ قىلاتتى.باھانىلىرى جىق ئىدى.ئاغرىپ قالدىم...كىيىم ئالاتتىم...بالنىسقا كىرىپ قالدىم...ماتىريال ئالاتتىم...كېنىشكە ئالاتتىم...ئانىسى كوتۇلدىغاچ،قاقشىغاچ ئۇنىڭ دېگەن پۇلىنى ئەۋەتىپ بېرەتتى.ئاكسى بەزىدە بېرەتتى،بەزىدە بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ يۈرەتتى.ئۇ بولسا ئائىلىسىدىكىلەر ئەۋەتكەن شۇ ئازغىنە پۇلنى قولىغا ئالاتتى-دە،قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى زىبانى خوش قىلىش بولاتتى.ئەلۋەتتە، كەمبەغەل ئاتا ئانىسىغا قىلىنغان بۇ قەدەر ئاسىيلىق ئۇنى بەزى كۈنلىرى ناھايىتى بىئارام قىلاتتى.ئانىسىنىڭ سۇلغۇن چىرايى،دادىسىنىڭ جاھىل ئەمما ئىشچان قانائەتچان تۇرقى،ئۇلارنىڭ بىر كوي پۇلنىمۇ چېكىسىدىن مىڭ بىر تەرلەرنى ئاقتۇرۇپ تۇرۇپ ئاران تاپىدىغانلىقى ھە دېمەيلا كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ،«بۇ ئاخىرقى قېتىملىقى،ئەمدى ئۇلاردىن پۇل سورىمايمەن»دەپ ئويلايتتى.ھالبۇكى،ھەر قېتىم زىبانىڭ ئاچ ۋە جاھىل كۆزلىرىگە يۈزلەنگىنىدە،ئاتا-ئانىسىغا يۈزسىزلىك قىلىشتىن باشقىغا يارىمايتتى.بارا بارا ئۇ ئۆزىمۇ تۇيمايلا زىبانىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە يۈرىدىغان غەيرەتكە،باينىڭ ئوغلى زەپەرگە،مۈلۈكدارنىڭ ئوغلى ساۋۇرغا،باشلىق دادىسى بار ئادىل،ھېلىملار ھەسەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى.بۇنداق چاغدا،ئانىسىنىڭ تۈگىمەس قاقشاشلىرى،دادىسىنىڭ «ئىنساپلىق»بولۇش توغرىسىدىكى ۋەز نەسىھەتلىرى چىشلىرىنى قېرىشتۇرۇپ قۇلىقىغا مۇشت بىلەن ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ كېتەتتى.تېخى ئاتمىش ياشقا كىرگەندىمۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولالمىغان،پەرزەنتلىرىگە كەڭ ئىختىسادى شارائىت بېرەلمىگەن دېھقان دادىسىغا،كەچكىچە ئاغرىپلا تۇرىدىغان كېسەلچان ئانىسىغا بىر خىل ئۆچمەنلىكى ۋە نەپرىتى تاشاتتى.شۇڭا ئۇ پۇلغىلا ئېھتىياجلىق بولمىسا ئۆيىدىكىلىرىگە تېلفۇن قىلمايتتى،تېلفۇن قىلسىمۇ ئانىسىنىڭ كېسىلىنى سوراپ قويمايتتى. شۇ ھالدا،نەزەر ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش يىلىغا كەلدى. زىبا بۇ ۋاقىتتا گويا پىلتىڭلاپ تۇرىدىغان ئاپپاق بېلىققا ئوخشاش شۇنچىلىك غىرتاڭ بولۇپ كەتكەن ئىدىكى،نەزەر ئۇنى بۇياقتىن تۇتىۋالسا،ئۇ ياقتىن چىقىپ كېتەتتى.ئىككى گەپنىڭ بىرىدە غەيرەت ئاكام،غەيرەت ئاكام...دەپ،غەيرەت ئاكىسىنىڭ ئۆزىنى نەگە ئېلىپ بارغانلىقىنى پەش قىلاتتى.غەيرەت بىلەن ئارلىشىشقا قارشى چىقسا،ئايرىلىپ كېتىمەن،دەپ سوقۇشاتتى.نەزەر ئوخشاشلا چارىسىز ئىدى.چارىسىزلىقىدىن،ئاشىقلىق سەۋەبىدىن،زىبانىڭ بەختى شۆھرەتپەرەسلىكى ئۈچۈن ھەرقىماپ بىلەن كارغا كېلىدىغان ئادەم بولۇشقا تىرىشاتتى. ئىككىنچى ئۆكتەبىر،زىبانىڭ تۇغۇلغان كۈنى كەلدى.ئۆتكەن يىلى مەكتەپنىڭ يېنىدىكى كىچىككىنە تورتخانىدا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشكە قۇشۇلغان ھاكاۋۇر زىبا بۇ يىل تۇمشۇقلىرىنى ئۇشلايتىپ تۇرۇپ،نەزەرگە ئۆزىنىڭ سەنياغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ـــ سەنيا؟...ــ دېدى نەزەر چۆچۈگەن ھەم تىلى كالۋالاشقان ھالدا.دېمىسىمۇ،ئۇنىڭدەك كەمبەغەل ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىدا نەدىمۇ سەنياغا بېرىپ كەلگۈدەك پۇل بولسۇن؟لېكىن ئويلاپ باققاندا،بۇ ئۇنچە يامان ئىش ئەمەسمۇ قانداق؟نەزەرنىڭ شۇ كۈنلەردە خېلىلا چۈشكۈنلۈشۈپ قالغان روھى دۇنياسىغا،قانداقتۇر ئېيتقىلى بولمايدىغان،ئېيتسا يۈز قىزىرىدىغان بىر قىسما خىياللار سەھەرنىڭ ئىللىق شامىلى كەبى ئېقىپ كىردى. ئەگەر شۇنداقلا بولسا،بۇ ئۇنىڭ زىبا بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇزاق سەپەرگە بىللە چىقىشى بولۇپ،بۈگۈنگىچە ئۇ پەقەت زىبانىڭ قوللىرىدىن تۇتۇشقا،قۇچاقلىشىش،ناگاھاندا سۆيۈشۈش...بىلەنلا چەكلەنگەن ئىدى.بۇ قېتىم...قانداقتۇر بىر يۈگەنسىز تەلۋىلىك نەزەرنى،شۇ كۈنگىچە ئۆزىنى تۇتۇپ،چۈشەپ تۇرىۋاتقان ئىختىساد،ئەدەپ-ئەخلاق،دىلغۇللۇق،ئاق كۆڭۈللۈك،كۆڭۈلچەكلىكنىڭ بارلىق كىشەنلەرنى پاچاقلاپ تاشلېۋېتىپ ھېچنېمىگە قارىماي،زىبانى ئىگىلىۋېلىشكە دەۋەت قىلىشقا باشلىدى.راست ئەمەسمۇ؟ئۇ نېمىشقا بۇ ساياھەتنى زىباغا ئېرىشىش،ئۇنىڭ ھاكاۋۇر تەبىتىنى بويسۇندۇرۇشنىڭ ئوبدان پۇرسىتى دەپ قارىمىغۇدەك؟زىبانىڭ بۇ بەش كۈندە پۈتۈنلەي ئۆزىگىلا تەۋە بولىدىغانلىقى نەزەرگە گويا ئۇنى بەختكە ئېلىپ بارىدىغان كەڭ يولنىڭ بېشىدەك كۆرۈندى.

3-قىسىم

3-قىسىم ــ ماقۇل،جېنىم...جابدۇنىۋېرە، قالغان تەييارلىقلارنى ئۆزۈم قىلىمەن! ـ دېدى ئۇ ئاخىرى كەسكىن بىر قارارغا كېلىپ. ئۆزىنىڭ مۇشۇ سەپەردە،بەختلىك بولىدىغانلىقىغا قەتتى ئىشەندى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ بەختى قانچىكى ئېچىلسا پۇلدىن تارتىدىغان زىيىنىمۇ شۇنچە ئاشاتتى. لېكىن قول كەسمىسە قان چىقمايدۇ-دە.شۇڭا ئۇ ئىككىلىنىپ تۇرمايلا دادىسى ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن راسلاپ بەرگەن بەش يۈئەن پۇلغا بېرىپ كېلىشنىڭ ئىككى كىشىلىك ئايرۇپىلان بېلىتىنى سېتىۋالدى.ئۆزىنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلىنى مەۋسۈم بېشىدىلا ئەقىللىق كېلىپ تاپشۇرۋەتمىگىنىگە مىڭ شۈكرى قىلدى. ئەمدىكى ئىش، بۇ بەش كۈن جەريانىدا، زىبا بىلەن بىللە خەجلەشكە، مېھمانخانىدا يېتىشقا، يىيىشكە، ساياھەت كوپراتىپىغا تۆلەشكە پۇل راسلاش، توغرىسى پۇل قەرز ئېلىش ئىدى. كىمدىن قەرز پۈتەر؟ ئۇ شۇ كۈنلەردە ئۆزىگە خېلىلا يېقىن تۇرىدىغان دوستى سادىقنى ئىزدىدى.سادىقنىڭ چىرايىدىن قۇۋلۇق شۇملۇق يېغىپ تۇراتتى.بىرلا قارىغان ئادەمگە ئۇچىغا چىققان ئالدامچىدەك كۆرۈنەتتى.لېكىن نەزەرنىڭ نەزىرىدە،ئۇ،خېلى ئىشلارنى كېلىشتۈرەلەيدىغان،ھېچ بولمىسا ئۇنىڭغا ئەقىل كۆرسۈتەلەيدىغان چېچەن يىگىت ئىدى.ئويلىغاندەك، سادىقتا پۇل يوق بولغىنى بىلەن،چارە بار بولۇپ چىقتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئەگەر نەزەرلا خالىسا مەخسۇس قەرز شىركەتلىرىدىن يېرىم سائەتكە قالمايلا قەرز ئالالايدىكەن.قانچىلىك ئالالىسا شۇنچىلىك ئالسا بولىۋېرىدىكەن.قەرزنى بىر يولى قايتۇرسىمۇ،ئايغا تۆلەپ قايتۇرسىمۇ بولىدىكەن.نەزەر ئۈچۈن بۇ ئەڭ ئاقىلانە چارە بولغاچ،ئۇ ئىككىلىنىپ تۇرمايلا ماقۇل بولدى.ھەم بىر سائەتكە قالمايلا سادىق تونۇشتۇرغان ئۇ شىركەتتىن ئۈچ مىڭ يۈئەن يۇقۇرى ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بىلەن پورتمالىنى تولدۇردى. شۇنداق قىلىپ ئۆكتەبىرنىڭ بىرىنچى كۈنى،نەزەر بەختىيار سۆيگۈنىڭ لەززەتلىك ئېقىملىرىغا غەرق بولغان ھالدا،زىبا بىلەن ئايرۇدۇرۇمغا ماڭدى.ئۇنىڭ كەيپى ناھايىتى چاغ ئىدى.تۇرۇپ تۇرۇپلا سۆيگۈنىنىڭ تولۇن ئايدەك چىرايلىق يۈزىگە،نېپىز كىيىملەردىن بىلىنىپ تۇرغان بىر تۇتام بېلىگە،كىشىنى جەلپ قىلغۇچى كۈكۈچ كۆزلىرىگە سىيلىق ۋە سۈزۈك پىشانىسىگە ئامراقلىق بىلەن قارايتتى.بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل ھاۋا،پۈتۈن ئەتراپ ھەتتا ئاشخانا ھاجەتخانىلارمۇ گويا مۇھەببەت بىلەن تولغان بولۇپ، كېسەلچان ئانىسى،قوللىرى قاداق دادا...قەرز،مەكتەپكە تاپشۇرۇىدىغان ئوقۇش پۇلى...چۈشىگىمۇ كىرمەيتتى.نېمە دەپ چۈشىگە كىرگۈدەك؟دېمىسىمۇ،ھەممىگە مەشھۇر گۈزەللىكى بىلەن نى نى يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىنى ئويناتقان بۇ گۈزەل قىزنى بويسۇندۇرۇش،يېنىدا ئولتۇرۇش،ئۇزۇندىن ئۇزۇن سىردىشىش،كېچە كۈندۈز ۋىسال دەملىرىنىڭ شېرىن مەيلىرىدىن مەست بولۇش،نەزەر ئۈچۈن ئالەمنى بويسۇندۇرغان بىلەن باراۋەر-دە.ئۇ ئۆزىنى زىبانىڭ ئېرى بولۇپ بولغاندەك ھېس قىلدى.بەرىبىر،ئۇ بۇ قىزنى ئەمرىگە ئالىدۇ.ئۇنىڭدىن بىرنەچچە بالىغا دادا بولىدۇ... ئۇ ئەنە شۇنداق شېرىن ھېس ھاياجانلار ئىچىدە،زىبانى كەينىگە سېلىپ،بىردەمدىلا ئايرۇدۇرۇمغا يېتىپ كەلدى.ھالبۇكى،ئايرۇدۇرۇمدا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغىنى سەپەر سومكىلىرى،كۈلكە چاقچاقلىرى بىلەن توپلىشىپ تۇرغان غەيرەت، ئاسىم، زەپەر، راھمان، رۇقىيە،نەرگىزەلەر بولدى.ئۇلارنى كۆرۈپ نەزەرنىڭ بېشى پىررىدە قايغاندەك بولدى. ــ ۋاي،نېمە ئىش بۇ ؟ــ دېدى ئۇ زىباغا قاراپ ھەيرانلىقىنى باسالماي. ــ ساڭا دېيىشنى ئۇنتۇپتىمەن قارا، ئۇلارمۇ بارىدۇ!ــ دېدى زىبا خوشال ھالدا،شۇنداق دەپلا،نەزەرنىڭ چىراي ئىپادىسىنىڭ نېمە بولۇپ كەتكىنى بىلەن پەرۋايى پەلەك،خۇددى سۇنى كۆرۈپ ھەممىنى ئۇنتىغان بېلىق كەبى تۇرغانلارنىڭ ئارىسىغا ئۆزىنى ئاتتى. ــ ۋاي ۋۇي...ئەجەپ ساقلىتىۋەتتىڭلارغۇ!ــ دېدى نەرگىزە چۇقان سېلىپ. ــ ۋاي شۇ مۇشۇ نەزەرنىڭ ئىشى تۈگىمەي،بولمامدۇ؟... غەيرەت،زەپەرلەر مۇغەمبەر كۈلكىسى بىلەن نەزەرگە قول سوزۇپ كەلدى.نەزەرمۇ ئېلاجىسىز ئۇلارغا قول بەردى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى ھېسىياتنى قانداقلارچە تېزگىنلىيەلىگەنلىكىنى،تېخى ئۇلارنى كۆرۈپ خوش بولغاندەك كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ قالغانلار بىلەنمۇ بىر بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۈرۈشكەنلىكىنى،قىزلاردىن ئۇنى بۇنى سورىغانلىقىنى خېلى ۋاقىتقىچە چۈشۈنەلمەي يۈردى.ئېھتىمال،ئۇ ئۇلاردىن خىجىل بولغاندۇ،ئادىمىگەرچىلىكتىن چىقىپ كەتمەي دېگەندۇ. لېكىن ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خاتالاشقانلىقى،ئوخشاشلا زىبا تەرپىدىن قانچىلىك دەرىجىدە ئەخمەق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي تۇرالمىدى. ــ بۇ نېمە ئىش؟ــ دېدى ئۇ ئايرۇپىلان ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن،يەنە بىر قېتىم. ــ ساڭا دېسەم يەنە قالايمىقان كۈنلىگىلى تۇرما ھە...بۇلار خېلى بۇرۇنلا تۇغۇلغان كۈنۈمنى مۇشۇنداق ئالاھىدىرەك ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز دەپ يۈرىشەتتى.ھەم ئۇلار سېنى سەنياغا ھەرگىز بارمايدۇ ھەم بارالمايدۇ،دېيىشتى. مەن سېنى ئۇ ئۇنچە چۈكۈنەم ئەمەس،مەن ئۈچۈن ئوتقىمۇ سۇغىمى كىرەلەيدۇ،دېدىم.لېكىن بۇلار گېپىمگە زادى ئىشەنمىگەن...ئەجەپ ياخشى بولدى! سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنى ئاخىر بىر كۆرسۈتۈپ قويدۇڭ ھە!ھى ھى ھى... ــ سەن مايمۇن ئويۇنى ئويناۋېتىپسەن ھە؟ــ نەزەرنىڭ ئاۋازى ئق يىگەندەك تىترەپ كەتتى. ــ نېمە،نېمە؟نېمە ئۇ مايمۇن ئويۇنى دېگەن؟ ــ ھېچنېمە...دېمەك،ئۇلار بىز بىلەن بىللە يۈرىدۇ،شۇنداقمۇ؟ ــھەئە؟...ھەي،بۇنىڭ نېمە يامىنى؟قارىغىنە،كۆپچىلىك شۇنداق خوشال، ئادەم جىق، غېرىبسىنىپمۇ قالمىدۇق... ــ ئەجىبا،ئىككىمىز بىللە تۇرساق غېرىبسىنىپ قالارمىدۇق؟ئىككىمىز نېمە دېيىشكەن؟مېنىڭ بۇلار بىلەن يۈرگۈم يوق!شۇڭا بىز ئەڭ ياخشىسى پىلانىمىزنى ئۆزگەرتىپ،ئۇلاردىن ئايرىلىپ چىقايلى-دە،ئايرۇپىلاندىن چۈشكەندە باشقا ياققا يۆتكىلەيلى! ــۋاي نېمانچە قىلىسەن؟ھەممىمىز بىر مەكتەپتە ئوقۇيمىز،بىر بىرمىزنى تونۇيمىز، چىقىشىمىز، بىللە يۈرسەك،بىللە ئوينىساق بۇنىڭ زادى نەرى خاتا؟ ــ شۇنداق،بۇ ئىشنىڭ خاتا يېرى يوق،توغرا،سەن ئۇلار بىلەن چىقىشىسەن،بىراق...دېدىمغۇ، مەن ئۇلار بىلەن چىقىشالمايمەن،بىللە يۈرۈشنى خالىمايمەن... ــ خالىمايمىش...ھىم،ئەمما غەيرەت مېنىڭ تۇققىنىم،مەن ئۆزۈمنىڭ تۇققىنىنى خالايمەن!ئۇ نەگە بارسا شۇ يەرگە بارىمەن! ــ سەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلدىڭمۇ ياكى مەن بىلەن؟بىز نېمە دېيىشكەن؟ئايرىم يۈرمەكچى بولغان،بىر بىرىمىزگە ئۆزىمىزنى تەقدىم قىلىشماقچى بولۇشقان!ئۇنتۇپ قالدىڭما؟ ـــ ۋاي بولدى قىلە!نەدىكى گەپنى قىلىدىكىنا!شۇنداق دېيىشىممۇ سەن ئۈچۈنغۇ!يەنە كېلىپ غەيرەتكام بولسا بىزنىڭ چىقىمىمىزمۇ ئازلايدۇ.بولمىسا سېنىڭ ئۇ ئالتە توك توك پۇلۇڭ نېمىگە يېتەتتى! ــ شۇنداق، يەتمەيدۇ!يەتمەيدۇ! ئىسراپخور ئادەمگە ئالتۇندىن تاغ يۆتكەپ بەرسىمۇ يېتەمتى ئەمىسە! ــ ھە...سەن مېنى بەتخەج،ئىسراپخور دېمەكچى،شۇنداقمۇ؟دېگىنە بولدى،ئىسراپ قىلىۋېتىپ، مەن زادى سېنىڭ نېمەڭنى ئىسراپ قىلىۋەتتىم؟! «ئاھ،لەنىتى!سەن مېنىڭ ۋاختىمنى،پۇلۇمنى،ھېسىياتىم......ھەممە نېمەمنى ئىسراپ قىلىۋاتىسەن! غۇرۇرۇمنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋاتىسەن!»نەزەر زىبانىڭ جاھىل دۈگلەك كۆزلىرىگە داڭ قاتقان ھالدا،تىلىغا كەپلىشى كەلگەن بۇ جۈملىلەرنى غىققىدە ئىچىگە يۈتىۋەتتى. ــ بولدى...بولدى...تالاشمايلى...بىز ئۇلاردىن ئايرىلىپ چىقايلى،گېپىمنى ئاڭلا،ماقۇل دە...ساڭا دېسەم،مەن ئۇلارنى ياختۇرمايمەن! سەن بۇنى بىلىسەنغۇ! ــ شۇ...مەن بىلىمەن،نېمىشقا بىلمىگۈدەكمەن؟ سەن ئۇلارنى ئەمەس ئۇلارنىڭ ئۆزۈڭدەك يالاڭ تۆش ئەمەسلىكىنى ياقتۇرمايسەنغۇ تايىنلىق!ــ بۇ گەپلەرنى دېگەندە زىبانىڭ چىرايىدا نەپرەتلىك غەلىتە بىر ئاچچىق كۈلكە پەيدا بولدى.ئۇ ئۇنىڭ يېغىرىنى پۈتۈنلەي ئېچىۋەتمەكچى بولىۋاتقاندەك قىلاتتى. نەزەر بىردىنلا شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى.بۇ ھاقارەت دەل ئۇنىڭ ئەجەللىك يېرىگە تەگكەندى. ـــ سەنچە بولغاندا،ئۇلار باي،مەن يالاڭ تۆش،شۇنداقمۇ؟ــ دېدى ئۇ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ. ـــ ئۇنداق ئەمەسمۇ ئەجىبا؟سەن قايسى چاغدا مەن ئۈچۈن غەيرەتكامدەك تاراقلىتىپ پۇل خەجلەپ باققان؟قاچانلا قارىسا دىرىلدەپ تىترەپ تۇرىسەن،ھەتتا مۇز كالتەكنىڭ پۇلىغىمۇ بېخىللىق قىلىسەن! ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغىنىدا نەزەرنىڭ كۆزلىرى غەزەپتىن چاقناپ كەتتى.ئاھ،تەغدىر،نېمە دېگەن يۈزسىزلىك بۇ ھە!ئۇ مۇنۇ قىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلمىدى؟ئۇنىڭ بىلەن بازار ئايلىنىش،كۆڭلىنى ئېلىپ،باغدا سەيلە قىلىش،قەھۋە ئىچىش ...ئۈچۈن قانچە قېتىملاپ ئاچ قالدى؟يالغانچى بولدى؟قانچىلىك قەرزگە بۇغۇلدى؟يوقسۇز قالدى؟ ئىززىتتى،ھۆرمىتىدىن چۈشتى؟...مانا ھازىر مۇشۇ قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ يەر تاتلاپ تاپقان ئەڭ ئاخىرقى قان تەرىنى خەجلەپ تۈگەتكىنى يەتمەي،ئۆسۈمى يۇقۇرى قەرزگە تۇتۇلۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەكپارە بولىۋاتىدۇ-يۇ،بۇ قىز يەنە ئۇنىڭدىن رازى ئەمەس.نەزەر زادى قانداق قىلىپ بەرسە ئۇ ئاندىن تەسىرلىنەر؟يۈرىكىنى يېرىپ بىرەمدۇ؟ ــ سەن مېنىڭ سالاھىيتىمنى ئۇنتۇپ قاپسەن زىبا ...ئېسىڭدە بولسۇن،مەن ھازىر ئوقۇغۇچى،سەنمۇ،غەيرەتمۇ ئوقۇغۇچى.پەقەتلا بىرىمىزنىڭ دادىسى باي،يەنە بىرىمىزنىڭ كەمبەغەل دېھقان شۇ.كەمبەغەلنىڭ بالىسى بولۇپ قالغىنىم مېنىڭ خاتالىقىم ئەمەس،ھەم كەمبەغەلنىڭ بالىسى مەڭگۈ يالاڭ تۆش بولىدۇ،باينىڭ بالىسى باي پېتى كېتىۋېرىدۇ،دېگەن گەپمۇ يوق.جاھان تېخى ئۇزۇن،كىمنىڭ ئۇشۇقى ئوڭ چۈشىدۇ،بۇنى كېيىن كۆرۈپ قالىمىز! نەزەر بۇ گەپلەرنى چىشلىرىنى غۇچۇرلۇتۇپ قەھرى بىلەن دېدى.ھەم ئىختىيارسىز ھالدا، ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرۇشقان غەيرەت ئاسىملارغا ئەلەم بىلەن قاراپ قويدى. ئۇلار شۇ قەدەر غەمسىز،پەرۋاسىز،كۈلكە چاقچاقلار بىلەن بەگزادىلاردەك ئولتۇرشاتتى.لېكىن نەزەرچۇ؟ ئۇ«ئاتا ئانام ئۆيدە ئولتۇرۋېلىپ بەلكىم مېنى بەك خوشال ياشاۋاتىدۇ،دەپ ئويلايدۇ.ھالبۇكى،مەن بۇ يەردە شۇنچىلىك بىقۇۋۇل ھەم پەس ئورۇندىمەنكى،زىبانىڭ دېھقاننىڭ ئوغلىنى ياراتمايدىغانلىقى،كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى ئۇلار چۈشىدىمۇ بىلمەيدۇ...»دېگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ،ئۆزىچىلا،تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. ـــ نېمانچە كەيپىمنى ئۇچۇرىسەن؟ــ دېدى زىبا ئۇنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى سەزگەندىن كېين تېخىمۇ چېچىلىپ،ــ بۇنداق پىت ئۈچەيلىكىڭنى بىلگەن بولسام نېمىمۇ قىلارىدىم سېنى بۇ يەرگە باشلاپ؟...ئۇھ...يا بارالمايمەن،دېسەڭ...ئەجەپ ئىچىم سىقىلدىيا...ئوغۇل بالىمىش!مۇشۇ ئەپتى بىلەن تېخى ماڭا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بېرەرمىش...سەنغۇ مۇشۇنداق ئۆتكۈزۈپ بېرەتتىڭ زادى ،بىلەتتىم مەن! نەزەر ھېچنېمە دېمىدى.دېرىزىنىڭ سىرتىدا توپ توپ بۇلۇت پارچىلىرى خۇددى رىۋايەتلەردىكى سىرلىق پەرىزاتلاردەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۈزۈپ يۈرەتتى.ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئايرۇپىلاندا ئولتۇرىۋاتقىنىغا قارىماي،نەزەرنىڭ بۇلاردىن زوق ئالغۇدەك تاۋى يوق ئىدى.شۇ ئارلىقتا زىبا كۈتكۈچىگە دەپ ئۆزىگە بىر ئىستاكان قەھۋە قۇيۇپ ئىچتى.نەرگىزەنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ،ئۇنىمۇ بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىۋېلىشقا ئۈندىدى.بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ھاجەتكىمۇ كىرىپ چىقتى.غەيرەت،نەرگىزەلەرنىڭ يېنىدا بىردەم تۇرۇپ،ئۇلارغا چاق چاق قىلىپ (بەلكى نەزەرنىڭ خۇيلىنىۋالغانلىقىنى دەپمۇ) ئۈلگۈردى.ئاندىن يەنە ئورنىغا قايتىپ،گويا نەزەرنى تونىمايدىغاندەك،رەڭلىك ژورنالدىن بىرنى قولىغا ئېلىپ ۋاراقلىغاچ ناخشا تىڭشىدى.ئۇنىڭ ھەركىتى شۇ قەدەر بىمالال ۋە ئەركىن بولۇپ،ئۆزىنىڭ،يېنىكلىق قىلىپ،يېنىدا ئولتۇرغان مۇنۇ سۆيگۈنىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ قويغانلىقى ھەم سۆيگىنىنىڭ ئارقا ئارقىدىن تاماكا چەككەنلىكى،ھەسرەتلىك ياش تۆككەنلىكى بىلەن كارى يوق ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى نەزەرگە شۇنچىلىك ھار كەلدىكى،ئۇ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا ئورناپ كەتكەن بۇ ئاشىقلىقنى يۇلۇپ تاشلاپ،مۇشۇ كۆك ئاسماننىڭ ئۈستىدىن قارا يەرگە تاشلىۋېتىشنى ئارزۇ قىلىشقا باشلىدى.«قاچانمۇ ئۇيقۇڭنى ئاچارسەن سەن ھە نەزەر؟قاچانغىچە بۇ ئەخمەقىنە سەۋدادىن قۇتۇلالماي يۈرەرسەن؟»دەيتتى ئۇ ئۆز ئۆزىگە.يەنە بىر يېرىدىن، بۇ قىزنىڭ يۈرىكىنىڭ ئېرىمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.ئۇنىڭدىن مۇشۇنداقلا ۋاز كەچسە تۆلىگەن بەدەللىرىگە زادىلا يۈز كېلەلمەيتتى.دېمىسىمۇ،ئۇ،ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق يانمۇ يان ئولتۇرۇشنى،بەش كۈن بىللە بولۇشنى،بىر ئۆيدە يېتىشنى قانچە ئارزۇ قىلغان مۇشۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك تەييارلىق قىلغانىدى ھە؟بۇ بەش كۈننى مۇھەببەتلىشىدىغان سىردىشىدىغان كۆڭۈل ئىزھار قىلىدىغان،قىزنى تەسىرلەندۈرىدىغان،ئۇنىڭ ھاكاۋۇر تەبىئىتىنى بويسۇندۇرىدىغان ئېسىل پۇرسەت شۇنداقلا ئوڭىدىمۇ چۈشىدىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرە دەپ ئويلىغان ئەمەسمىدى!لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ غۇرۇرى،قېيدىغاقلىقى،تۈگىمەس رەنجىشلىرى بىلەن،يەنە ئۆزىنىڭ كاچىتىغا ئۆزى سېلىۋاتىدۇ،بارلىق تىرىشچانلىقلىرى،تۆلىگەن بەدەللىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ.«ئاچچىقىڭغا ھاي بېرەمسەن ئاغىينە؟يەنە بىر مەرتەم سەۋر قىلامسەن؟»دېدى نەزەر،ئاخىرى ئۆزىگە ئۆزى ھاي بېرىپ.شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئۈمۈدىنى كېيىنكى قارارىغا باغلاپ قانداقتۇر بىر رېتىمغا ئەگىشىپ ناخشا غىڭشىۋاتقان زىبانىڭ مۇزدەك سوغوق قوللىرىدىن تۇتتى ۋە ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىگە تەلمۈرۈپ، يۈرىكىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن يېلىنىشقا باشلىدى. ــئۇلاردىن ئايرىلىپ چىقىپ،ئۆزىمىزنىڭ پىلانىمىز بويىچە ئىش كۆرەيلى، زىبا ئويلىغىنە، تەسەۋۇر قىلغىن...ئىككىمىز دېڭىز بويىغا بىللە بارىمىز،سەھەردە كۈننىڭ كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرىمىز،دېڭىز شاماللىرى چىرايلىق چاچلىرىڭنى يەلپۈسە،ساھىلدا يالىڭاياغ يۈگۈرۈپ،دېڭىز دولقۇنلىرى بىلەن قوغلاشماق ئوينىساق...چارچاپ كەتكەندە،قۇمدا يانمۇ يان سوزۇلۇپ يېتىپ، ئاپتاپتا كۆزۈمىزنى يۇمۇپ ھۇزۇرلانساق...كەچ كىرگەندە يۇلتۇزلار باش ئۈستىمىزدە جىمىرلاپ تۇرىدۇ...ئىككىمىزلا بار بىر دۇنياغا سىڭىپ كەتسەك،ھېچنېمىنى ئويلىمىساق...مەكتەپمۇ،بۇ يەردىكى ساۋاقداشلار، دوستلار، مۇئەللىملەر، تۈزۈملەر،ھەتتا بىزنى بۇغۇپ تۇرىدىغان ئەخلاق...ھەممىسى يوق بولسا...

4-قىسىم

4-قىسىم ـــ بۇنداق دېسەم چۆچۈپ كەتمىگىن،زىبا.مەن سەن بىلەن توي قىلىمەن، سەندىن باشقا ھېچكىشىنى سۆيمەيمەن.شۇڭا مېنىمۇ ئۆزۈڭنىمۇ ئايا ھەم بىز بۇ دۇنيادىن بىر ئۆمۈر ئىززەتلىك،ھۆرمەتلىك ياشاپ كېتەيلى،ماقۇلمۇ؟قارا،مەن سەن ئوقۇشۇڭنى پۈتكۈزگىچە، ئۆزۈمنى ئوبدانلا رۇسلىۋالىمەن، ئېنىقكى، بىز يېزىدا تۇرمايمىز، ئېگىز بىنادىن ئۆي سېتىۋالىمىز،ئۆيىمىزنى سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە زىننەتلەيمەن،ئاندىن بىز چىرايلىق بالىلارغا ئاتا-ئانا بولىمىز... نەزەر يىغلىۋېتەيلا دېدى،ياق،يىغلىدى،كىرپىكلىرىدە ياش تامچىللىرى...قۇدرەتلىك ۋە چىن مۇھەببىتى تۈپەيلى يالقۇنلۇق سۆزلەر ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۆزلۈكىدىن كېلىپ تۇراتتى.بۇ سۆزلەردە پۈتۈن ئۆمۈرنىڭ مەزمۇنى،كۆيگەن كۆڭۈلنىڭ پەريادى بار ئىدى.بۇنداق چىن سۆزلەرنى زىبا بەلكى بۇ ھاياتىدا قايتا مەڭگۈ ئاڭلىيالمايتتى.شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۈندىمەيتتى.ئاغزىنى چىڭ يۇمۋالغان،چىرايلىق دۈگىلەك كۆزلىرى ئوچۇق دېرىزىدىن ئاپپاق پاختا بۇلۇتلار ئالىمىگە تىكىلگەنىدى. ـــ گەپ قىلغىنە،ماڭا قارا...ماقۇل دېگىن...ــ دېدى نەزەر ئۇنى قوللىرىدىن سىلكىپ. ــ ياق،ياق...بۇ چاغ بولغاندا...بىلىمەن،سەن مېنى بەكمۇ ياخشى كۆرىسەن...مۇشۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ،سېنى ئالدىغۇم يوق،مەن توي قىلمايمەن...سەن بىلەن توي قىلالمايمەن...ــ دېدى زىبا ئېغىر خۇرسىنىپ،توختىماي باش چايقايتتى. ــ نېمىشقا؟... دېگىنە،ئۆتۈنەي،بولدى،بۈگۈن راست گەپ قىل...مەن بىلەن توي قىلمىساڭ...كىم بىلەن قىلىسەن؟ ــ ئاھ،بىز نېمىشقا دوست بولۇپلا ئۆتەلمەيدىغاندىمىز ھە؟نەزەر...كەچۈر...مېنى بۇ گەپلەرنى دېيىشكە ئۆزۈڭ مەجبۇرلاۋاتىسەن...ماقۇل،بۈگۈن يۈرىكىمدىكى گەپلەرنى قىلىۋېتەي...بىلەمسەن؟مەن نامراتلىقتا مۇھەببەتنىڭ بولۇدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. دەبدەبە،ھەشەمەت سۆيگۈنى بېزەيدۇ.چۈنكى سۆيگۈ مۇھەببەنىڭ ئۆزى دەبدەبە ھەشەمەتكە تالىق نەرسە.ئەجىبا،سەن بۇلارنى سەزمىدىڭمۇ؟ بەلكى سەن كېيىن بېيىپمۇ كېتەرسەن،بەلكىم بۇنىڭغا ئۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتمۇ كەتمەس،ئەمما مەن ئاشۇنچىلىك ۋاقىتقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيمەن،بۇنى بىلەمسەن؟... ھايات قىسقا...بۇ قىسقا ھاياتتا مەن چوقۇم ئەڭ ياخشى نەرسىلەرگە ئېرىشىشىم ،ئەڭ گۈزەل يەرلەردە تۇرۇپ بۇ ئازغىنە جېنىمغا جان قوشۇشۇم كېرەك. ــسەن نېمىلەرنى دەۋاتىسەن ھە؟بىز تېخى ياش،يەنە نۇرغۇن يىللار بىللە ياشايمىز...ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسىنى قۇرىمىز، ئېگىلىك تىكلەيمىز،ئاتا-ئانىلىرىمىزغا راھىتىمىزنى كۆرسىتىپ،بالىلىرىمىزنى قاتارغا قوشىمىز...دۇنيادا ئۆز ئەجىر مىۋىسىنىڭ قەنتىنى چېقىشتىنمۇ ئارتۇق بەخت بارمۇ؟ ــ سەن بەك جىق كىتاپ ئوقۇپ كېتىپسەن نەزەر...ئەجىر دەرىخى تىكىپ،ئۇنىڭ مىۋىسىنى كۆرۈپ،قەنتىنى چېقىپ بولغۇچە بەك جىق ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ...بايا دېدىم،مەن ھەممىگە مەيدە كېرىپ، يەڭ تۈرۈپ كېلىۋېرىدىغان،شۇنداقتىمۇ قىيىنچىلىق،يوقسۇزلۇققا غىڭ قىلماي چىداۋېرىدىغان سەھرا خوتۇنلىرىغا ئوخشىمايمەن،ھەم كۈتۈپمۇ تۇرالمايمەن. ــ كۈتۈپ تۇرالماي نەگە بارىسەن؟...ئەجىبا،ئارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن ئاشۇ قىممەتلىك كۈنلەر ھېچنېمىگە ئەرزىمەمدۇ؟سېنى سۆيۈشۈم،كۈتىشىم نېمە ئۈچۈن؟يەنە بۇ يەرگە نېمىنى دەپ كەلدۇق؟يالغۇز سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭنىلا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنمۇ؟ياق،ياق،مەن سەن بىلەن ھەممە ئىشنى باشقىدىن باشلاش ئۈچۈن،ساڭا مەسئۇل بولىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كەلدىم. ـــ سەن بەكمۇ چوڭقۇر ئويلاپ كېتىپسەن...بىلسەڭ،مەن بىراۋنىڭ ماڭا مەسئۇل بولۇشىغا قىلچىلىك مۇھتاج ئەمەس...مەنمۇ ھەم ھېچكىمگە مەسئۇل بولمايمەن،بەلكى بۇ بەك شەخسىيەتچىلىكتۇ،ئەمما قانداق قىلاي،مەن مۇشۇنداق ئادەم...شۇڭا جېنىم ياخشىسى،بىز بۇ توغرىدا مۇنازىرلەشمەيلى-دە،بۇ بەش كۈن خوشال خورام ئويۇنىمىزنى ئويناپ،چىرايلىقچە خوشلىشايلى...بىلەمسەن، مەن بۇ يەرگە ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى سەن ئۈچۈن، مېنى چىن قەلبىدىن سۆيىدىغان ساڭا گۈزەل بىر ئەستىلىك قالدۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم.چۈنكى سەنمۇ ھەم مەنمۇ يىراققا كېتىمىز...بىز كۆرۈشەلمەيمىز... ــ كۆرۈشەلمەيمىز؟نېمە دېگىنىڭ بۇ؟نېمىشقا كۆرۈشەلمەيمىز؟مەن سېنى تاكى ئوقۇشۇڭ پۈتكۈچە ساقلاپ تۇرىمەن،مەكتەپكە كېلىپ سېنى پات پات يوقلاپ تۇرىمەن.چوقۇم شۇنداق قىلىمەن. ـــ مەن ...كېلەر ئايدا بەلكىم مەن بۇ دۆلەتتە يوق...راست،بۇ ھازىرچە بىر سىر،جۇمۇ؟غەيرەتلەر بىلمەيدۇ... ــ بۇ نېمە دېگىنىڭ؟يوق بولۇپ نەگە بارماقچىدىڭ؟ ــ ئاپام مۇشۇ تەتىلدە توي قىلدى،نەزەر...ئۇنىڭ ئېرى ئامرىكىلىق... ــ شۇنداقمۇ؟ئەجەپ ماڭا دېمىدىڭغۇ؟...بوپتۇ،بۇغۇ يامان ئىش ئەمەس،چوڭلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق تۇرمۇشى بولىدۇ-دە...سەنغۇ،ئۇ ئادەم بىلەن ئامرىكىغا چىقىپ كېتىمەن دېمەيۋاتقانسەن ھە؟مۈمكىنمۇ؟ ــ مۈمكىن،نېمىشقا مۈمكىن بولمىسۇن؟ئاپام بىزنى چەتئەلگە ئەچىقىپ كېتىش شەرتى بىلەن ئۇ قېرىغا ياتلىق بولدى،ئالدىنقى ھەپتە،ئاپامدىن تېلفۇن كەلدى.ئېيتىشىچە،بىزنىڭ پاسپورتىمىزمۇ چىقىپ بوپتۇ،بىز مۇشۇ ئاينىڭ ئىچىدە مېڭىپ كېتىشىمىز كېرەككەن. ــ نېمە؟نېمە؟...قاچان دېدىڭا؟سەن ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ئۇياق...نېمىش قىلىدىغان ئادەمكەن؟سىلەر ئۇنى چۈشىنەمسىلەر؟ ــ نېمىش قىلىدىغىنىنى بىلمىدىم،ھەم چۈشىنىمىزمۇ دېيەلمەيمەن...ئەمما بىلىدىغىنىم ئۇ 70 ياشقا كىرگەن باي بىر بوۋاي.ئۆمرى شۇ تەرەپلەردە ئۆتكەن ھەم بالىلىرىمۇ باركەن.ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا،ئۆزۈمنىڭ يۇرتىدىكى ئايال بىلەن ئۆتەي،دەپ،ئارزۇ قىپتۇ.ھەم مال مۈلۈكلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئانامغا قالدۇرىدىغان،مېنىمۇ شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشتۇرىدىغان بولدى. ــ ھە...بۇ مۈمكىنمۇ؟ ــ يەنە شۇ گەپمۇ؟...نېمىشقا مۈمكىن بولمىغۇدەك؟تامامەن مۈمكىن،سەن بىلمەيسەن،مېنىڭ ئاپام ئادەتتىكى ئايال ئەمەس... ــ سەن ئېلىشىپ قالدىڭمۇ؟...تىلىمۇ،ئۆزىمۇ يات ئۇ يەرلەرگە چىقىپ كېتىپ نېمىش قىلارسەن؟ ــ نېمىش قىلىدىغىنىمنى بارغاندىن كېيىن بىلىمەن...ئىشقىلىپ بۇ يەردىكىدىن كۆپ ياخشى ياشايمەن.ئۇ يەر دېگەن ئامىرىكا نەزەر،پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى ئۇ! ــ ۋاي قوۋۇرغام!كاللاڭ چۆگلەپ قاپتۇ سېنىڭ!...ئەقىل بىلەن ئويلانساڭچۇ،ئەجىبا،بۇ يەردە ياخشى ياشىيالمىدىڭما؟ئۆز ۋەتىنىڭ،ئۆز خەلقىڭ...نەگىلا بارساڭ،سېنىڭ كۆزۈڭگە قاراپ،مېنىڭ ھالىم تېخى بۇ.بۇنىغۇ دىمەي تۇراي،چۈنكى سەن ماڭا ھېچقاچان چىن مۇئامىلە قىلىپ باقمىدىڭ،شۇنداق ئەەمسمۇ؟كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى نېمىشقا شۇنداق قىلىسەن؟نېمىشقا ئۆزۈڭنىڭ بەختىنى باشقىلارنىڭ چۆنتىكىگە،باشقىلارنىڭ دۆلىتىگە باغلاپ قويىسەن؟ئەجىبا،بىزمۇ مۇشۇ ئىشچان قوللىرىمىز بىلەن ئۆز يۇرتىمىزدا،ئۆز بەختىمىزنى تاپالماسمىزمۇ؟ ــ ئۇھ،يەنە شۇ كونا دەبدەبىلىك شۇئار!قارىغىنە،ئامرىكىغا كەتسەم بۇ تەرەپلەرگە قاچان كېلىمەن،بۇنى بىلمەيمەن.شۇڭا بىز ياخشىسى سوقۇشمايلى،ئارىمىزدا بىر گۈزەل خاتىرە قالسۇن!غەيرەت،نەرگىزەلەر خەينەنداۋغىمۇ بارىدىكەن.بىزمۇ ئۇلار بىلەن بىللە بارايلى ھە؟پاراخوتقا چىقىپ بارىمىز.ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ ــ نېمە دەۋاتىسەن؟خەينەنداۋ؟...نېمە دېگەن باشباشتاخ قارار بۇ ھە؟سەن مېنى پەقەتلا كۆزگە ئىلمايسەن،مەسلىھەت قىلىشنى بىلمەيسەن!مەن بارمايمەن! ــ ۋاي نېمانچە ۋاقىرايسەن؟بارمىساڭ بارما. ــ سەنمۇ بارمايسەن! ــ ھىم،نېمە دەپ بارمىغۇدەكمەن؟ ــ مېنى دەپ بارمايسەن!مەن ئۈچۈن بارمايسەن! ــ سەن ئۈچۈن؟نېمىشقا؟جۆيلىمە،مەن بارىمەن!ئۆزۈم ئۈچۈن بارىمەن! زىبانىڭ ئاۋازىدە غالىبلارغا خاس تەمكىنلىك بار بولۇپ بۇ گەپ كىشىگە تىرىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ئەمەس بەلكى مۇزلاتقۇدىن چىققان گەپتەك تۇيۇلاتتى... شۇ قىسقىغىنە دەقىقىلەردە ئۇلار خۇددى رەقىبلەردەك،بىر بىرىگە چەكچىيىپ تۇرۇپ قالدى.ھەم مۇشۇ ۋاقىتتا يۈرىكىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بىر سوغوقلۇق نەزەرنىڭ زىباغا باغلىغان بارلىق ئۈمىد ئارزۇلىرىنى بىراقلا ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلىدى. ــ چۈشەندىم...ــ دېدى ئۇ ئاخىر ئېغىر خۇرسىنىپ، ــ بولىدۇ،سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئوينا،كۈل،خەينەنداۋغا بار،ئامرىكىغا كەت،ئافرىقىغا كەت!بولسا مەن ئۆمۈر بويى كۆرەلمەيدىغان يىراق بىر يەرلەرگە يوقال!سېنى مەڭگۈ كۆزۈم كۆرمىسۇن!مەڭگۈ!...مەن كېتەي،ھېلى يەرگە چۈشكەندە،ئۇدۇللا مەكتەپكە قايتاي!ئېسىت،ئېسىت... سەن توغرا دەپسەن،ھەقىقەتەن،بىز بىر يولدىكى ئادەملەر ئەمەس...ـــ دېدى يەنە. دىر دىر تىترەپ كەتتى.زىبانىڭ يېنىدا مۇشۇنداقلا تۇرىۋېرىدىغان بولسا،ئۆزىنى تۇتىۋالالماي،ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئاچچىق گەپلەرنى دەۋېتىدىغاندەك،ھەتتا بۇ رەھىمسىز مەخلۇققا ئايىماي شاپلاق سېلىپ،يۈز كۆزلىرىگە شالاققىدە تۈكۈرىۋېتىدىغاندەك تۇيغۇغا كەلدى.لېكىن بۇنداق قىلىش مۈمكىن ئەمەس.ئۇ زەردە بىلەن ئورنىدىن تۇردى-دە،ئايرۇپىلاننىڭ تازلىق بۆلۈمىگە قاراپ ماڭدى.ئەمما پۈتۈن بەدىنىدىكى قان تۇمۇرلار شىددەت بىلەن سوقماقتا،يۈرىكى ئېچىشىپ ئاغرىپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. ئۇ،ھاجەتخانىدا بېشىنى چاڭگاللاپ ئۇزاق ئولتۇردى. زىبا كۆڭلىگە شۇنچىلىك چوڭقۇر ئورناپ كەتكىنى ئۈچۈن بۇ ئازابلار ئۇنىڭغا ھەق بولارمىدى؟ئۇ كىچىككىنە ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە سەپسالدى.ئۈمىدسىزلىك بىلەن تولغان ئىككى يول كۆز يېشى مەڭزىنى بويلاپ ئاقماقتا،لەۋلىرى بىر بىرىگە تېگىشىپ تىترىمەكتە ئىدى. ــ ئوغۇل بالىمۇ يىغلامدۇ؟ــ دېدى ئۇ ئەينەكتىكى ئەكسىگە دادىسىنىڭ ئاۋازى بىلەن گەپ قىلىپ،ـ سەن سېپى ئۆزىدىن بىر ھاماقەت...ــ دەپ ئۆز ئۆزىدىن كۈلدى يەنە،ـــ ئاشىق بولغىنىڭ،مانا ساڭا زىبايىڭ!ھىم،سەن سەۋرچان بولماقچى ئىدىڭغۇ... ساپ مۇھەببىتىڭ،ئەقىدەڭ بىلەن ئۇ مەخلۇقنى قايىل قىلماقچى تەسىرلەندۈرمەكچى ئىدىڭ..ھالىڭغا ۋاي،ۋاي كالۋا...كۆزۈڭگە شۇ بىچارە ئاتا-ئاناڭ بىر قېتىم كۆرۈنۈپ قويغان بولسىچۇ،ئېسىت!... شۇنداق دېگەندە،كۆز ئالدىدا،بىردىنلا قەيىرىدۇ ئېغىر كېسەل بولۇپ پارچە پۇرات دورا يەپ يۈرىۋاتقان ئانىسىنىڭ سارغايغان ئاجىز تېنى پەيدا بولدى.پۇل بولمىغاچقا ئانىسى ھازىرغىچە كېسىلىنى سېستىمىلىق داۋالىتالماي بار ئۈمىدىنى ئوغلىنىڭ ئوقۇشىنىڭ پۈتۈشىگە باغلىغان ھەم ئوغلۇم ئوقۇشىنى پۈتكۈزىۋالغاندىن كېين،ئاندىن دوختۇرخانىغا بارىمەن،دېگەن نىيەتكە كەلگەنىدى.دېمەك،ئانىسىنىڭ،ئائىلىسىنىڭ بار ئۈمىدى ئۇنىڭ بالدۇراق ئوقۇشىنى پۈتكۈزۈپ دىپلومىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىشىغا مۇجەسسەملەنگەنىدى...لېكىن ئەمدى بۇ مۈمكىن ئەمەس. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنى ھېچقاچان سۆيمىگەن ھەم سۆيمەيدىغان بىر قىزنىڭ خوشاللىقىغا،ئەرزىمەس شۆھرەتپەرەسلىكى،ئابرۇيخورلىقىغا تېگىشىۋەتتى-دە.ھەي توۋا،شۇنداق قىلغىنىغا،شۇنچىلىك قۇربانلىقىلارنى بەرگىنىگە يارىشا ئۇ،ئۇ قىزنىڭ چىن مۇھەببىتىگە بىر مەرتەم،پەقەت بىر مەرتەملا ئېرىشەلىگەن بولسىچۇ كاشكى! ئاھ رومانتىكا!شېرىن خىياللارنىڭ ۋە ئۇلاردىكى مۇقەرەر ھالاكەتنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھى... ئويلا ئويلا نەزەر ئازاب ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن ئىڭراپ تاشلىدى. ئۆزىنى قەبىھ بىر ئۇسۇلدا پۈتۈن خالايىقنىڭ ئالدىدا ئېغىر ھاقارەتكە قالغاندەك،خورلانغاندەك ھەتتا جازالىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ دىر دىر تىترەيتتى...ئۆزىنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان كۆڭۈلمۇ ياكى سۆيگۈ مۇھەببەتمۇ بۇنى چۈشەنمەيتتى.ئەگەر ھەقىقى سۆيگۈ مۇھەببەت بولغان بولسا ئاقىۋىتى بۇنداق ئاياقلاشمايتتى. تەخمىنەن يەنە بىرەر سائەتلەر ئۆتكەندە،ئايرۇپىلان سەنيا شەھرىگە قوندى.نەزەر قەتتى قارارغا كەلگەنىدى.ئۇ سومكىسىنى ئېلىپ ھەمراھلىرىدىن،توغرىسى،زىبادىن رەسمى يۇسۇندا ئايرىلدى.گەرچە نەرگىزە،زەپەرلەر،ئۇنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ئانچە مۇنچە كۆڭۈل ئېيتقان،سالا سۈلى قىلىپ،ئۇنى بۇ ساياھەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ،ئۇ ئۆز قارارىدىن يانمىدى.ۋە ھېچنېمىگە قارىمايلا پويىز ۋوگزالى تەرەپكە قاراپ كەتتى.ئۇنىڭ يالغۇز قالغىنى،ئۆزىدىن ھەقىقى ئايرىلغىنى ئوخشاشلا زىبانىڭ پەرۋايىغا كەلمەيتتى.

5-قىسىم

5-قىسىم ئۇنىڭ يالغۇز قالغىنى،ئۆزىدىن ھەقىقى ئايرىلغىنى ئوخشاشلا زىبانىڭ پەرۋايىغا كەلمەيتتى.ئۇنىڭ يەنىلا كەيپى چاغ، ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىلەرگە قىزىقىش ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە سەپسالغىنىچە ئايرۇدۇرۇمدىن چىقىپ كەتتى.نەزەر قانداق كېتىدۇ،نېمە بىلەن كېتىدۇ،نېمىشقا كېتىدۇ،ھەتتا سوراپمۇ قويمىدى.رەقىبىنى لەت قىلىۋېتەلىگەنلىكى ئۈچۈنمىكىن زەپەر قاقاقلاپ كۈلەتتى.غەيرەتنىڭ كۈلكىلىك چىرايىدىن،پۇلنى سۇدەك خەجلىشىدىن ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلەتتى.قالغانلارنىڭ گەپ سۆزلىرى،چاق چاق،قىقاس چۇقان،ھاياجانلىرى خۇددى ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىلەر،ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلار،سەيلىگاھلارغا ئوخشاش گۈلدۈر تاراق ئۇلىنىپ كەتكەنىدى... رىياللىق جىددى ۋە رەھىمسىز كېلىدۇ.ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا سەل قارىشىغا يول قويۇلمايدۇ.شۇنداق قىلىپ نەزەر سەنيادىن نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم بولغان ھالدا بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.قايتىپ كېلىپ،خېلى كۈنلەرگىچە ئاغرىپ قالغاندەك ئېلەڭ سېلەڭ يۈردى.ھەرقانچە روھلىناي دەپمۇ روھلىنالمايتتى.زىبالارنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى،چەتئەلگە چىقىپ كەتكۈچە بولغان شۇ ئارلىقتا،يەنە غەيرەت قاتارلىقلارنىڭ كەينىدىن ئويۇن تاماشا بىلەن يۈرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردى. ئۇ زىبانىڭ ئۆزى تۈگۈل سايىسىنىمۇ كۆرمەسلىكنى،نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىشنىمۇ خالىمايتتى. ئەپسۇس ئۇنىڭ بۇ تۇيغۇلىرى خاتا ئىدى.ئۇ زىبانى ئىنكار قىلغىنى بىلەن يۈرىكىنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا ئۇنى تارتىپ تۇراتتى.شۇڭا زىبا توغرىسىدا بولۇنىدىغان ھەرقانداق گەپ سۆز ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلاتتى.مۇبادا، كۆڭلىنىڭ خاھىشىغا قويۇپ بەرگەن بولسا،ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۇنى كەچۈرۋېتەتتى.يالۋۇرۇپ يەنە يېنىدىن كەتمەيتتى.لېكىن يۈرىكىدە قالغان ئاداققى غۇرۇر ۋە ئىززەت نەپىس ئۇنى بۇ ئازغۇن يولدىن توسۇپ قالدى.ھالبۇكى بۇنداق ياشاش ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىدى.ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئاشىقلىق بىلەن سۆيگۈنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى تولا ئويلاپ ئاۋارە ئىدى.ئاشىق بولغان ئادەمنىڭ شەخسىيەتچى كۆزى كور بولىدىغانلىقىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھېس قىلاتتى. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ دىكابىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە،ۋەھىمە ۋە ئەلەم ئارلاشقان ئۈمىدسىزلىك نەزەرنىڭ يەلكىسىدىن تەڭ بېسىپ ئۇنى تىن ئالالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. چۈنكى مەكتەپ ئۇنىڭغا ئېنىق ئۇختۇرۇش قىلىپ،ئەگەر ئوقۇش پۇلىنى يەنە تاپشۇرمايدىغان بولسا دېپلوم بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى يۇقۇرى ئۆسۈملۈك قەرزلەرمۇ خۇددى قار پومزىكىگە ئوخشاش كۈنسىرى يوغۇناۋاتاتتى.قەرز ئېگىلىرى بىرقانچە قېتىم ئۇنى ئىزدەپ،قوقاق سېلىپ قويدى. نەزەر ئۆزىنى خۇددى بىر تېيىلغاق قىياغا شۇنچە يامىشىپمۇ،ئۈستىگە چىقىپ كېتەلمەيۋاتقان كىشىدەك ھېس قىلدى.قىلىپ قويغان بارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن شۇنچىلىك ئۆكۈندىكى،ئاكىسىغا ئوخشاش ئاددى دېھقان بولمىغىنىغا، ھەتتا چوڭ بولغىنىغىمۇ پۇشايمان قىلدى. غەمسىز،كۆڭۈللۈك ئۆتكەن يېزا ھاياتىنى،بالىلىق چاغلىرىنى سېغىندى. ئۇ چاغلاردا ئانىسى ئۇنى ئەجەپمۇ قوغدايتتى.ئاكىسىنىڭلا ئەمەس ھەتتا دادىسىنىڭ بىر تىل سېلىشىغا،يامان كۆزىدە مۇنداقراق قاراپ قويۇشىغىمۇ چىداپ تۇرالمايتتى.ئۇ سادىر قىلغان ھەرقانداق خاتالىقلارنى ئانا ئۈنتىنسىز ئۆز ئۈستىگە يۈكلىۋالاتتى.ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تەبىئىتىدە كەسكىنلىك،باغرى تاشلىق ۋە قاتتىق قوللۇق دېگەن نەرسىلەر ئازراقمۇ تېپىلمايتتى. ئۇنىڭ بىلەن نەزەر ئوتتۇرسىدا پەقەت مۇلايىملىق ۋە مېھرى مۇھەببەتلا بار بولۇپ،نەزەر بۇ ھاياتىدا ئانىسىنىڭ ئۆزىنى بىر كاچات سالغانلىقىنى،يۈرىكىدە قالغۇدەك بىرەر يامان تىل بىلەن تىللىغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمەيتتى. مۇبادا،دادىسى ئۇنى ئېغىرراق بىر ئىشقا بۇيرۇپ قالىدىغان بولسا،ئانا دەرھال پەيدا بولاتتى-دە:«ماڭ،تاپشۇرقۇڭنى ئىشلە،بۇ ئىشنى مەن قىلىۋېتىمەن،داداڭ بىرنېمە دېسە جاۋابىنى ئۆزۈم بېرىمەن»دەيتتى.مۇشۇنداق ئىشلار ئۈچۈن،ئۇنىڭ ئانىسى قانچە قېتىملاپ دادىسىدىن تىل ئاڭلىغان،ھەتتا تاياق يىگەن ھە! ــ بۇنى سەن بۇزدۇڭ!ھە دېسە پۇتىغا ھۆل خىش قويۇپ بېرىپ،مانا ئەمدى بىر كەتمەن چېپىشقىمۇ ئېرىنىدىغان نان قېپى بوپتۇ،بۇ! ـــ چاپالمىسا چاپالماس!بەرىبىر مېنىڭ بالام بىلىكىنىڭ كۈچى بىلەن ئەمەس،ئەقىللىق كاللىسى بىلەن جان باقىدىغان ئادەم بولىدۇ! ـــ ھە دېسە چۆجىسىنى قوغدىغان مىكىياندەك،مۇشۇنداق چۇكۇلداپ، ئاخىرى سەن ئۇنى يامان ئۆگۈتۈپ قويىسەن! ـــ نېمىشقا يامان ئۆگۈنۈپ قالغۇدەك؟كۆرمىدىلىمۇ،مېنىڭ بالام بۇداقى ئىنتاھاندىمۇ يىللىقلار بويىچە بىرىنچى بوپتۇ! ـــ ھەئە،سېنىڭ بالاڭ! ـــ شۇ،مېنىڭ بالام!مېنىڭ ئەقىللىق،ئىنساپلىق بالام! بىچارە ئانا...شۇ ئىنساپلىق بالىڭىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى بۇ!شۇغىنىسى ئۇنى يەنە بىر نۆۋەت،ئەڭ ئاخىرقى بىر رەت قوغداپ قالالىغان بولسىڭىزچۇ كاشكى! ئاندىن ئۇ ھەقىقى ئادەم بولۇپ،بۇنداق خاتالىقلارنى ئۆمۈر بويى سادىر قىلمايتتى،مائاشلىق بولۇپ سىز بەرگەن پۇللارنى نەچچە ھەسسە قاتلاپ ئۆزىڭىزگە قايتۇرۇپ بېرەتتى!بىراق،سىزدە نەدىمۇ ئۇنچىلىك كۆپ پۇل بولسۇن جېنىم ئانا؟مەن بىلىمەن،سىز بەك نامرات،نامراتلىقتا،نامرات دادامدىن بۆلەك ھېچنېمىڭىز يوق نامراتسىز... شۇ كۈنلەردە ئۇ پات پاتلا ئانىسى بىلەن مانا شۇنداق خىيالى سىردىشىپ قالاتتى.ئوخشاشلا ئانىسىنىڭ شۇ مېھرىبان ئەمما قەتتى،قورقۇمسىز سىيماسىنى كۆز ئۆڭىدىن كەتكۈزۋېتەلمەيتتى. بەلكىم بۇ قورقۇمسىز ئانا ھازىرمۇ،ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىن بىر ھىماتچىسىدۇ؟ئۇنى ھازىرقى بۇ مۈشكۈلچىلىكتىن قۇتقۇزۇپ قالىدىغان بىردىن بىر ئادەمدۇ؟بەلكىم ئۇ ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بىقۇۋۇلمۇ ئەمەستۇ؟بەلكىم ئۇ تۇققانلىرىدىن قەرز ئالالار؟... بۇنداق ئويلاش نەزەرنى باشقىچە ئۈمۈدلەندۈرەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاخىر بىر كۈنى،تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، دادىسىنىڭ يوق ۋاختىنى پەملەپ ئانىسىغا تېلفۇن قىلدى. قاتتىق نۇمۇس قىلىۋاتقاچقا،ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ نۇمۇرىنى باسقان قوللىرى تىترەيتتى.ئۇ تېلفۇننى بېسىپ بولۇپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۈتتى.دەقىقە ئارلىقتا ئۇنىڭغا تونۇش ئاۋاز قۇلىقىغا كىردى...دەرۋەقە،بۇ ئانىسىنىڭ مېھىرلىك ئاۋازى ئىدى. ئ‍ىلاننى چىكىۋتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ ــ قارچۇقۇم ئوغلۇم،مېنىڭ باتۇرۇم...ئەھۋالىڭ ياخشىمۇ؟قانداق كېتىۋاتىسەن؟ ــ ئاغرىپ قالدىڭمۇ نېمە؟گەپ قىلمايسەنغۇ؟ ــ تاماق يىدىڭمۇ؟...قوسىقىڭ ئاچمۇ؟ ــ نېمە دەردىڭ بار بالام؟نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟ ــ يا بىرەرسى بوزەك قىلىۋاتامدۇ؟ ــ ئېيتقىنە،قوزام،ئاي بالام...نېمە ئىش بولدى؟...يىغلاۋاتامسەن نېمە؟ ــ يىغلىمىغىنە جېنىم بالام،ئانىسى دادىسى تەل ئوغۇل بالىمۇ يىغلامدۇ؟دېگىنە،بەك ئەنسىرەپ كېتىۋاتىمەن؟يەنە پۇلنىڭ ئىشىمۇ؟...سەنغۇ......ھېلىقى زەھەر دەيدىغان نەرسىلەرگە ...ۋاي ۋاي...تىلىم قۇرسۇن مېنىڭ...قانداقسىگە ھە؟مېنىڭ ئەقىللىق ئوغلۇم... ئانىنىڭ ئاغزىدىن سۇئاللار تۈكۈلۈپ كەتتى.چۈنكى نەزەرنىڭ گەپ قىلماي پەقەت بۇقۇلداپ يىغلاشلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى تۈرلۈك تۈمەن شۈبھە گۇمانلارنى قوزغىۋەتكەنىدى.نەزەرنىڭ ۋاقىرغۇسى،سىز بەك نامرات،بەك ئاجىز،بەك بىقۇۋۇل،ماڭا ھەرقانچە كۆيۈنسىڭىزمۇ،مېنى بۇ بالا قازالاردىن ئەسلا قۇتقۇزىۋالالمايسىز،دېگۈسى كەلدى.دېدى،ئىچ ئىچىگە چىڭقىلىپ كەتكەن دەرت ھەسرىتى،ئەلەملىرى،قورقۇنچى ۋەھىمە،ئەندىشە...لىرىنى بىر بىرلەپ ئانىسىغا تۆكتى. ــ جېنىم ئانا...قايسى يۈزۈم بىلەن ئېيتاي؟مەن خاتا قىلدىم،ئازدىم،پۇشايمان قىلدىم،ئەمما پۇشايمان قىلىش بىلەن بۇ ئىشلار ئەسلىگە كەلسە ئىدى،ئاللىبۇرۇن ئەسلىمنى تېپىپ بولغان بولاتتىم...ــ دېدى ئۇ.يىغلالىۋەردى.بۇ ئۈچ يىلدا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى،ئاشىق بولغانلىقىنى،ئاشىقلىقتىن ھازىرقى بالا قازاغا يولۇققانلىقىنى،ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئەخمەق قىلىنغانلىقى ۋە ھاقارەتلەنگەنلىكى...نى بىر بىرلەپ راستى بىلەن تەپسىلى سۆزلەپ بەردى. بۇ ئىشنى دادىسىغا زىنھار تىنماسلىقنى دۇدۇقلاپ،تەمتىرەپ، چۆچۈپ تۇرۇپ ئۆتۈندى. مۇبادا،ئانىسى تۇققانلىرىدىن ئازراق قەرز پۇل ئېلىپ ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەرسە،ئۇ خىزمەتكە ئورۇنلىشىۋېلىپ يىل ئاخىرىدا بۇ پۇلنى چوقۇم قايتۇرىدىغانلىقىنىمۇ پۇرىتىپ ئۆتتى...ئەزەلدىن ئانىسىنىڭ ئالدىدا راست گەپ قىلاتتى.راست گەپ قىلسا،ئانىسىنىڭ ئۆزىنى كەچۈرۋېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى.شۇنداقتىمۇ نومۇستىن يۈزى قىزاردى.ئوخشاشلا،ئۇ ئانىسىنىڭ باشتا يىغلاپ،قاقشاپ،ئۆزىنى تىللاپ،كارىم يوق،دەپ،تېلفۇننى قويۇۋېتىپ،يەنە يېرىم سائەتكە قالماي،ياندۇرۇپ تېلفۇن ئېلىپ،يەنە قاقشىغاچ،تىللىغاچ ماقۇل بولىدىغانلىقىنى،بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقى جۇمۇ!بولمىسا داداڭغا دەيمەن!قېنى ئوقۇغىنىڭنى مەن بىر كۆرەي!دەيدىغانلىقىنى قىياس قىلدى.بۇ ئانىنىڭ ئۇ ئەقلىنى قولىغا ئالغاندىن بۇيان تەكرارلاپ كېلىۋاتقان ئادىتى ئىدى.بۇنداق چاغدا شۈك بولىۋېلىش،بىر ئېغىزمۇ جاۋاب ياندۇرماسلىق ھەتتا يىغلىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىشمۇ ئەڭ ئاقىلانە چارە ئىدى.ھالبۇكى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ قىياس قىلغانلىرىنىڭ ھېچقايسىسى يۈز بەرمىدى.ئانىسى ناھايىتى سالماق ئىدى.ئۇنى تىللىمىدى،قاقشىمىدى. ـــ ئۇھ...ماقۇل بالام... مەن ئەۋەتىپ بېرەي.بەش يىل ئوقۇپ دىپلوم يوق كەلسەڭ،سەن داداڭغا ئەمەس،بەلكى ئۆزۈڭگە يۈز كېلەلمەيسەن،شۇنداق ئەمەسمۇ؟...ـــ دېدى ئانا پىچىرلاۋاتقاندەك.ئۇنىڭ پىچىرلاشلىرىدا شۇ قەدەر چەكسىز ئۈمىدسىزلىك بار ئىدىكى نەزەرنىڭ بېشى ئىختىيارسىز پەسكە ساڭگىلىدى.ــ شۇ ئېسىڭدە بولسۇن،بالام...ـــ دېدى ئانا يەنە،ئاۋازى تۇيۇقسىز ئۆزگەردى،ـــ ئەركىشى دېگەن زىمىن كۆتۈرەلمەيدىغان ئىزا ئاھانەتنىمۇ كۆتۈرۈپ كېتەلەيدۇ جۇمۇ!قىلچە ئەپسۇسلانمايلا ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكىن-دە،باشقا بىر بەختنى يارىتىپ، ئۆمرۈڭنى پۇشايمان ۋە ئۆكۈنۈشلەردىن خالىي ئۆتكۈزگىن.شۇنداق قىلالامسەن،ماڭا ۋەدە بېرەلەمسەن؟ ــ ۋەدە بېرىمەن ئانا،مەن ئەمدى ئادەم بولىمەن! ــ بولىدۇ ئوغلۇم،ئەنسىرمە،ئۆزۈم چارىسىنى قىلاي! تېلفۇن قويۇۋېتىلدى... شۇ كۈندىن كېيىن شىللىسىدىكى بارلىق يۈكنى ئانىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىغا تاپشۇرۋېتىپ،نەزەرنىڭ تەشۋىشلىرى بىردىنلا غايىب بولدى.ئۇھ،ئاخىرى بۇ ئۆتكەلدىنمۇ تېنچلىق ئۆتىۋالىدىغان بولدى-دە.لېكىن ئانام قانداق چارە قىلاركىن؟بۇ ئاز پۇل بولمىسا؟...دېگەنلەر خىيالىغا كەچكەندە،«بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئانامنى قىينىشىم بولۇپ قالسۇن...ئەمدى خىزمەتكە چىقىمەن،بۇنداق ئەقىلسىزلىقنى قىلمايمەن،مەن ئانامنى چوقۇم خوش قىلىمەن!»دەپ پىچىرلاپ، ئۆزىگە تەسەللى تاپتى. ئاجىز بىر ئايالغا،دادىسىغا ئېيتماسلىق شەرتى بىلەن شۇنچىۋالا جىق يۈكنى كۆتەرتكۈزۈپ قويۇشنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ ئويلىغۇسىمۇ يوق ئىدى.بۇ كۈنلەردە ئۇ بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ،نېمە بولسا بولار؟ۋاختى كەلگەندە،بىر گەپ بولىدۇ،دەپ ئويلايدىغان پەۋقۇلاددە ئىختىدارنىمۇ ھازىرلىماي قالمىغانىدى... دېگەنكىدەك،ئون كۈندىن كېيىن،ئۆمرىدە بىر قېتىم يالغۇز سىرتقا چىقىپ باقمىغان ئانا مەركىزى شەھەرگە ــ بېيجىڭغا ئۆزى يالغۇز يېتىپ كەلدى.چىرايى سارغايغان،ئاپتاپتا قاردىغان،ئېتى تارتىلىپ بىراقلا قېرىپ مۈكچىيىپ قالغانىدى.ئۇنىڭ بۇ تۇرقى نەزەرنى بىردىنلا ئۈمۈدسىزلەندۈردى.دېمىسىمۇ،مۇشۇنداق ئاجىز بىر ئايال،مۇشۇنداق كەمبەغەل،ئۈستى بېشى مۇشۇنداق ئاۋارە بىر ئايال...ئۇنىڭغا نېمىمۇ قىلىپ بېرەلەر؟بەلكىم مۇشۇ تۇرقى بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىرىگە بىچارە كۆرۈنۈش،يىغلاش،زارلاش،ئۇلارغا يالۋۇرۇش ئۈچۈن كەلدى...ئاھ،ئەگەر شۇنداقلا بولۇپ قالسا،زىبا ئاڭلىسا...بۇ يۈزۈمنى نەگىمۇ قويارمەن؟ ...دېگەن خىياللار ئۇنى ئازابلايتتى. ئانا ئوغلىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالغاندەك،ياتاققا كىرىپلا،كونا سومكىسىنىڭ قات قات بىر يەرلىرىدىن راستلا ئون ئىككى مىڭ يۈئەن پۇلنى چىقىرىپ نەزەرنىڭ ئالدىغا قويدى.تىزىق تىزىق قىزىل پۇللار...ئاھ،ئانا سىز نېمە دېگەن ئۇلۇغ ھە! ــ جۈرە بالام،قەرزلىرىڭنىڭ ھەممىنى تۆلىۋېتەيلى-دە،ئانا بالا ئىككىمىز سەن دېگەن ھېلىقى شىنجاڭلىقلار كوچىسىدىن ئوبدان بىر تاماقلىنايلى، ئاندىن مېنى سەددىچىن سېپىلىغا ئەچىقىپ ئوينۇتۇپ قوي،يېنىڭدا بىر كېچە قونۇپ،ئەتە كەچنىڭ پويىزىدا ئۈرۈمچىگە قايتاي،ئۇ يەردە ھامما ئاناڭنىڭ ئۆيىدە،نەچچە كۈن دېمىمنى ئېلىۋېلىپ،يۇرتقا كېتىشنى ئويلاۋاتىمەن.بىلەمسەن؟مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمنى داداڭ بىلمەيدۇ.ـــ دېدى ئانا،ئوغلىنىڭ ھەيران قالغانلىقتىن جامدەك چەكچەيگەن كۆزلىرىنى كۆرۈپ، ــ ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە ئادەم بار جۇمۇ!ــ دەپ قىقىغداپ كۈلدى. بۇ ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ؟...نەزەر ئىشىنەلمەيۋاتقاندەك،پۇللارنى قولىغا ئالدى. ــ لېكىن ئانا...ــ دېدى ئۇ تىترىگەن ھالدا،ــ بۇ نەدىن كەلگەن پۇل؟ بۇ ئىشنى دادام بىلەمدۇ؟...مۇبادا،دادام ئاڭلىسا،مېنى ئۆلتۈرىدۇ... ياخشىسى،بۇ پۇللارنى يەنىلا دادامغا بېرىڭ...ئاۋۇ كۈنى دېمەيدىغان گەپنى سىزگە دەپ... بولدى،ئانا،مەن بەرىبىر تۈگۈشۈپ بولغان ئادەم! ـــ ساراڭدەك گەپ قىلما بالام!بۇ مېنىڭ پۇلۇم...ئۆزۈمگە تەۋە پۇل بۇ. ئالغىن،ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمىساڭ،بەش يىل ئوقۇپ دىپلوم ئالالمىدى،دېگەن قانداق گەپ؟...ھېچقىسى يوق قارچۇقۇم...بۇ سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدىكى سىر...داداڭمۇ بىلمەيلا قالىدۇ،سەنمۇ ھېچكىشىگە تىنغۇچى بولما! نەزەرگە ئەمدى بۇ پۇلنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى،قانداقلارچە ئانىسىنىڭ سومكىسىغا كىرىپ قالغانلىقىنى سوراپ تۇرۋېلىشنىڭ،يەنە نازلىنىشنىڭ ئورنى قالمىغانىدى.ھەم ئۇنداقمۇ قىلالمايتتى.شۇڭا ئۇ ئانىسىنى ياتىقىدا قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆزى سىرتقا ماڭدى.ياق،ماڭدى ئەمەس،يۈگۈردى.يۈگۈرمەيدىغان بولسا،كونا سومكىدىن چىققان بۇ پۇللار تۇيۇقسىز سېھرى كۈچىنى يوقۇتۇپ، ئەسكى قەغەزلەرگە ئايلىنىپ قالىدىغاندەك،ئۇ،بىرىنچى بولۇپ، مەكتەپ مالىيە بۆلۈمىگە كىردى،ئاندىن سۈيلەپ ھالى قالمىغان قەرز شىركىتىگە كىرىپ بارلىق پۇللارنى ئۆسۈمى دىرى بىلەن بىللە قايتۇردى.بۇ ئىشلارغا پەقەت ئىككى سائەتچە ۋاقىت كەتتى.ياتىقىغا،ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىۋېتىپ كېلىۋاتقاندا ئۆزىنى خۇددى قۇش پېيىدەك يەڭگىل يېنىك سەزدى.ئۇھ،نېمە دېگەن ئازادە،راھەت سېزىم ھە!

6-قىسىم

6-قىسىم ئۇھ، نېمە دېگەن ئازادە، راھەت سېزىم ھە! ئۇنىڭ ئاسمانغا چىقىپ قانات قاققۇسى، ئۇسۇل ئوينىغۇسى، ناخشا ئېيتقۇسى ھەتتا يىغلىغۇسى كەلدى. ئانىسىنى قۇچاقلىۋېلىپ: -جېنىم ئانا،مېنىڭ ئانام..مېنىڭ غەمگۈزار ئانامسىز...مېھرىبانىمسىز...ئانا،قاراپ تۇرۇڭ،ھە، سىزنى چوقۇم رازى قىلىمەن،بۈگۈن ماڭا تۇتقۇزغان مۇشۇ ئون ئىككى مىڭ يۈئەن پۇلۇڭىزنى نەچچە ئون مىڭ،نەچچە يۈز مىڭ قىلىپ سومكىلىرىڭىزنى تولدۇرۋېتىمەن...ـــ دېدى. زىمىستان قىش ئۆتۈپ بىلىندۈرمەي باھار كىردى.ئۇلاپ ئىيۇلنىڭ پىژغىرىم ئىسسىق كۈنلىرى باشلاندى.زىبا بۇ مەۋسۈمدە مەكتەپكە رەسمى دەسسىمىدى.نەرگىزەنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ راستلا ئامرىكىغا چىقىپ كېتىپتۇ.بۇمۇ ياخشى بولغىنى.نەزەر شۇنداق ئويلىدى.ئۇنى كۆرمىسە، ئۇنى قانچىكى بالدۇر ئۇنتىسا شۇنچە ياخشى.ئۇ شۇنداق قىلدى،ھېچ ۋاختىنى بىكارغا قويمىدى.ئۆتەلمىگەن پەنلەردىن تولۇقلاپ ئىنتاھان بەردى. ئوقۇشتىن سىرت ۋاقىتلاردا ئىش تېپىپ،ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ئالغان پارچە پۇرات قەرزلىرىنى،ئاشخانىغا نېسىگە يىگەن تامىقىنىڭ پۇللىرىنى بىر بىرلەپ قايتۇردى.ھەمىدە بىلەن ئانچە مۇنچە ئايرىم ئۇچرىشىپ تۇراتتى. كۈنلىرىنىڭ مانا مۇشۇنداق نەتىجىلىك ۋە تېنچ ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.مۇشۇنداق بولماسلىقى مۈمكىنمۇ؟چوقۇم شۇنداق بولىدۇ،ئاز ئۆتمەي ئۇ ياخشى يەردىن خىزمەتكە ئېرىشىدۇ،ھەر ئايدا كۆڭۈلدىكىدەك كىرىم قىلىپ،ھەممىسىنى شۇ مېھرىبان ئانىسىغا تۇتقۇزىدۇ،ئۇنى ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىدۇ.ئارقىدىن ھەمىدەگە ئوخشاش قانائەتجان ساپ تۇيغۇلۇق بىر قىز بىلەن توي قىلىدۇ.زىبا دېگەن ئىسىمنى...ئاھ،ئاشۇ نەپرەتلىك قىزنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ! ئەپسۇس،تەقدىرنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كولدۇرلىتىشلىرى تېخى تۈگىمىگەن ئىدى. تۈگىمەيتتى. شۇ كۈنى ئۇ ئىنتاھانىسىنى بېرىپ بولۇپ، ئۆيگە قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر چاغ ئىدى. ياتاقنىڭ تېلفۇنى توختىماي جىرىڭلاپ كەتتى.تېلفۇن ئاكىسىدىن كەلگەنىدى.ئاكىسى ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلمىغىلى ئۇزاق بولغانىدى. بەلكىم ئانىسى ھېلىقى پۇل ئىشىنى ئۇنىڭغا ئېيتقاندۇ؟ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپ پۇل قەرز ئالدىمۇ تېخى...ئۇ ئاكىسىنىڭ ئاۋازىنى،ئۇنىڭ ئاچچىق تىللىرىنى،نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاشنى خالىمايتتى.ھەتتا ئۇنى ئويلاشقىمۇ رايى بارمايتتى.چۈنكى بۇ ۋاپادار ئاكا ھېچقاچان ئاتا ئانىسىغا جاپا سالمىغان،قاقشاتمىغان،ئەكسىچە ئۆيلۈنۈپ ئىككى بالىسى بولغاندىمۇ،ھېلى ئانام،ھېلى دادام دەپ،چوڭ ئۆينىڭ بارلىق ئېغىر يېنىك ئىشلىرىغا جان كۆيدۈرۈپ ئوغۇل بالىدەك ياشاۋاتاتتى.ئۇ بىراز ئىككىلەندى.ئاخىرى ئاكىسىنىڭ ئاغزىدىن دادىسىنىڭ،باشقا تۇققانلىرىنىڭ ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بېقىش خىيالىغا كېلىپ دەرھال تېلفۇننى قۇلىقىغا تۇتتى. ـــ ئۇكام،دىپلومىڭنى قوۇلڭغا ئالدىڭمۇ؟ ــ دېدى ئاكىسى ھۇدۇققان ھالدا. ــ ھەئە...نېمە بولدى؟ ــ ئۇنداق بولسا،ھازىرلا ئايرۇپىلان بىلەن ئۆيگە ماڭ. ــ نېمىشقا ئاكا؟ ئايرۇپىلان بېلىتى بەك قىممەت،بولدىلا،ئەڭ ياخشىسى ئەتە سەھەردە پويىزدا ماڭاي،بېلەتنىمۇ ئېلىپ بولغان،تۆت كۈندە ئۆيگە بېرىپ بولىمەن. ــ ياق،ياق...گېپىمنى ئاڭلا،دەرھال ئايرۇپىلاندا ماڭ،قانچىلىك پۇل كەتسە مەيلى،ئۆيگە بارغاندا مەن بېرەي،بىلسەڭ،ئانام...ئانام بىر تىنىقتىلا قالدى.ئىسسىق يۈزىنى بولسىمۇ كۆرىۋال... ــ ئاكا،نېمە دەۋاتىسەن؟ئىسسىق يۈزى دېگەن قانداق گەپ؟ئانام ساقلا ئىدىغۇ؟ ــ ساق ئەمەس...ئانام ساق ئەمەس ئۇكام...ئاياللار كېسىلى... راك بوپتىكەن.بىز ۋاختىنى ئۆتكۈزۋېتىپتۇق...كۈزدە،دادام،باغلىق يەرنى سېتىپ ئانامنى ئۈرۈمچىگە يولغا سالغانىدى،ئانام بىزگە،ئۈرۈمچىدىكى سىڭلىم دوختۇرخانىغا بىللە ئاپىرىدىغان بولدى،چىقىمنى ئاينىتمايلى،يالغۇز ماڭىمەن،دەپ بەك چىڭ تۇرىۋالدى.كېسىلىنىڭ ئۇ دەرىجىدە ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى بىلمىگەندىكىن دادام بىلەن سەل قاراپ،يالغۇز يولغا ساپتۇق...لېكىن ئانامنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ،دوختۇرخانىغا بارماي،شۇ دەرىجىدە ئەخمەقلىق قىلىدىغانلىقىنى كىم بىلدى،دەيسەن؟ «ۋاي ساقايتىۋېتىمەن،كېپىل بولىمەن»،دېسە ئالدىنىپ،ئون بىر مىڭ يۈئەن پۇلنى بىر ئابدالغا،بىر كىلو كەلگۈدەك «تالقان»غا تېگىشىپ يېنىپ كەپتۇ.بىزگە بۇ يەل باسار دورا پايدا قىلدى،ساقىيىپ كەتتىم،دېسە،راست ئوخشايدۇ،دەپ،ئىشىنىپتۇق...ئېسىت،شۇنچە ئەجىر قىلىپ تاپقان پۇل بىر ئالدامچىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەننى ئاز دەپ،ئانام ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالدى،ئۇكام...ئەسلى ساڭا بالدۇرلا خەۋەر بەرمەكچىتۇق،ئەمما ئانام سېنى ئۇقمىسۇن،ئىنتاھانىسىغا تەسىرى بولىدۇ،دەپ...ئىشقىلىپ،دەرھال ماڭ! ـــ نېمە دەۋاتىسەن ئاكا؟!ــ دېدى نەزەر.ئانىسىنىڭ سەددىچىن سېپىلىغا چىققان چاغدا ھاسىراپ تىنىشلىرى،«ئۆمرۈمدە بىر قېتىم،مۇشۇ يەرلەرگە كەلگۈم بار ئىدى بالام،سەن مېنى مۇرادىمغا يەتكۈزدۈڭ»دېگىنى،ئەڭ ئاخىرقى ئۇھسىنىشى،ئېلاجىسىز قېلىشلىرى،ھالسىز پىچىرلاشلىرىنى قايتا كۆرگەندەك يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى. ـــ ئەمىسە شۇنداق بولسۇن،ئۇكام...ھازىر ئانامنىڭ كۆزى ئىشىكتىلا،ھەر سائەتتە سېنىڭ...سېنىڭ يولۇڭغا قارىغىنى قارىغان...ــ ئاكىسىنىڭ گېپى دەقىقە ئۈزۈلۈپ قالدى.قانداقتۇر بىر يەرلەردىن يەڭگىسىنىڭ «ئالىم،ئالىم...قېنى سىز!بولۇڭە،ئانام ئۆزگۈرۈپ قالدى...»دەپ يىغا سالغاچ ۋاقىرىغان ئېچىنىشلىق ئاۋازى ئاڭلاندى.شۇ چاغدا نەزەرنىڭ كۆز ئالدىغىمۇ ئانىسىنىڭ سارغىيىپ كەتكەن چىرايى،سېپىلنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە،چوكىدەك ئورۇق قوللىرى بىلەن ئاغرىۋاتقان قورسىقىنى مۇجۇۋېلىپ تۈگۈلۈۋالغان ھالىتى كەلدى... ـــ ماقۇل!مەن بۈگۈنلا ماڭاي!...ــ دېدى ئۇ.لېكىن بۇ چاغدا ئاكىسى تېلفۇننى قويۇپ بولغاندى.ئۇنىڭ يۈرىكى شىددەت بىلەن گۈپۈلدەپ سوقاتتى.گويا پۈتۈن بەدىنىدىكى قان ئۇيۇپ قالغاندەك بىرەر مىنۇت تۇرۇپلا قالدى. ــ ئانام بەك ئاغرىقكەن...ــ دېدى ئۇ ساۋاقداشلىرىغا قاراپ،ئەلەم بىلەن باش چايقىدى.ئاۋازى بەكمۇ بىچارە،بەكمۇ تىترەك بولغاچ ئۆزىمۇ ئارانلا ئاڭلىيالايتتى.ھالبۇكى،ھالاكەتكە ئۇچرىغان كېمىنىڭ سۇنۇقلىرىنى دولقۇنلار قۇياش پارلاپ چىققان چاغدا دېڭىز ساھىلىغا چىقىرىپ تاشلىغىنىدەك،نەزەر،بىردىنلا،زىبانىڭ ساختا مۇھەببىتىنىڭ ئۆزىگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېنىق بەكمۇ ئېنىق ھېس قىلدى.ئېسىگە ھەمىدەنىڭ:«ئۇ سېنى ھالاك قىلىدۇ.» دېگەن گېپىمۇ كەلدى.راستلا زىبا ئۇنى ھالاك قىلغانىدى.ئۇنىلا ئەمەس ئانىسىنىمۇ تەڭ ھالاك قىلغانىدى. ـــ ئاھ...مەن ئانامغا نېمە قىلىپ قويدۇم !ـــ دەپ ۋاقىرىدى ئۇ. مۇشۇ ۋاقىراش بىلەن ئۇنىڭ،زىباغا ھېلىغىچە ساقلاپ كېلىۋاتقان،كېچەلمەيۋاتقان چەكسىز سۆيگۈ مۇھەببىتى،سېغىنىشى بىردىنلا لەنەت-نەپرەت،چېكى يوق قارغىش غەزەبكە ئايلاندى-دە،ئۇ تۈرۈلۈپ كەتكەن مۇشتلىرى بىلەن شۇنداق بىر مەخلۇقنى سەۋدايىلارچە ياخشى كۆرۈپ قالغان ئۆزىنىڭ يۈزىگە ئۆزى گالاچلىتىپ سېلىشقا باشلىدى. ــ لەنەت بولسۇن!ساڭا لەنەتلەر بولسۇن!شۇنداق رەزگى ئىپلاسقا ئاشىق بولغان ساڭا لەنەت!چەكسىز لەنەت!ئانا،جېنىم ئانا،مېنى كەچۈرۈڭ!... ــ ۋاي ئاداش!نېمىش قىلىۋاتىسەن؟بولدى،بولدى!ئۆزۈڭنى تۇتىۋال!بۇنداق قىلما!ـــ دېدى ساۋاقداشلاردىن بىرنەچچىسى ھولۇققان ھالدا ئۇنىڭ قوللىرىغا ئېسىلىپ،ـــ ئاناڭ تېخى ھاياتكەنغۇ؟بەلكىم سېنى كۆرسە ئوڭشۇلۇپ قالار.. بۇ يەردە ئۆزۈڭنى ئەيىبلەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلغۇچە،دەرھال يولغا چىققىنە،ماڭ! نەرسە كېرەكلىرىڭنى بىز كەينىڭدىن يەتكۈزەيلى! ساۋاقداشلىرىنىڭ بۇ گەپلىرى،دەرھال ئۈنۈم بەردى.دېمىسىمۇ مۇشۇنداق چاغدا بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەسلىك كېرەكقۇ ئاخىر.نەزەر تېزلا ھۇشىنى تاپتى-دە،نەرسە كېرەكلىرىنى جىددى يۇغۇشتۇرۇپ،ياتاقداشلىرىنىڭ نېمىلەرنىدۇر دەپ كەينىدىن ۋاقىرغانلىقىغىمۇ ئېرەن قىلماي،دەرۋازىدىن چىقىپ،يولدا كېلىۋاتقان تاكسىغا قاراپ يۈگۈردى. ــ تاكسى،تاكسى! تاكسى توختىدى. ئادەتتە ئايرۇدۇرۇمغا بىرەر سائەتلەردە يېتىپ بارغىلى بولاتتى.لېكىن شۇ تاپ نەزەرگە بۇ يۇقۇرى سۈرەتلىك يول سوزۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك،ھەممە يەر قىستاڭچىلىققا تولۇپ،ماشىنا ئىزىدىن مىدىرلىيالمايۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە:«ئانامنى مەن ئۆلتۈرۋېتىدىغان بولدۇم!»دېگەن بۇ خىيال ھامان ئۆتكۈر بىر نەيزە بولۇپ،ئۇنىڭ كۆكرىكىگە توختىماستىن يېنىش يېنىشلاپ سانچىلىۋاتاتتى.ئانىسىنىڭ ئۆزىنى مېھرى بىلەن قۇچاقلىغىنى،پىشانىسىدىن سۆيگۈنىنى ئويلاپ بۇقۇلداپ يىغلايتتى. ئۇ ئىلگىرى ئانىسىغا ئۈمىد،خوشاللىق بېغىشلىغان،چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن!سېنى باقىمەن!قۇلاقلىرىڭغا ئالتۇن ھالقا،ئالتۇن بىلەيزۈك،مارجان ئېلىپ بېرىپ،دۈمبەمگە ھاپاش قىلىپ باقىمەن!دەپ ۋەدە بەرگەن ئەمەسمىدى!ۋاي ئېسىت!ۋاي ئېسىت! ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ ــ ياق،ئانا...سىز چوقۇم ياخشى بوپكېتىسىز!ـــ دەيتتى ئۇ يەنە ئۆز ئۆزىگە، ئانىسىنى ئۇشتۇمتۇت خوشال قىلىۋېتىشنىڭ تۈرلۈك يوللىرىنى ئويلىدى.دەرھال خىزمەت تېپىپ،دەرھال مائاشىنى ئېلىپ ئانىسىنى ئەڭ ئېسىل دوختۇرخانىلارغا ئاپارماقچى بولدى.بۇلارنى ئويلاپ ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرەپمۇ قويدى.ئوخشاشلا ئانىسىنىڭ كېسەل كارۋىتىدا،ئاغرىقتىن تولغۇنۇپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈشتىن،ئۇنىڭغا قانداق تەسەللى بېرىش كېرەكلىكىنى،ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۈمكىنلىكىنى ئويلاشتىن قورقاتتى.ئەقلىگە سىغدۇرالمايتتى. ئانىسىنىڭ ئۆزى پەيدا قىلغان ھەسرەتلىك ھاياتىنىڭ ئورنىنى زادى قانداق تۆلەم بىلەن تولۇقلاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى.شۇ قاتارلىق ئۇلۇغ بىر ئىنسانغا قانداقسىگە شۇنچە يۈزسىزلىكلەرنى قىلالىغان بولغىيدى؟ھەم ئانىسىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزىدىغان ئاشۇ پۇلنى قانداقسىگە بۇلاڭچىدەك بۇلاپ،ئالدامچىدەك ئالداپ ئېلىۋالغان بولغىيدى؟شۇ چاغدا ئۇ نېمىشقا بۇلارنى ئويلىيالمىدى؟ئويلىيالمىدىمۇ ياكى قەستەن خۇپسەن گاس بولىۋالدىمۇ؟ئاھ،نەزەر،سەن ئادەم ئەمەس!... ئۇ ئايرۇدۇرۇمغا كېلىپ،ھاسىراپ ھۆمۈدەپ،بېلەت سېتىۋېلىش كۆزنىكىگە كەلدى ۋە كورلىغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلاننىڭ يەنە ئىككى سائەتتىن كېيىن قوزغىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئەمما ئايرۇپىلان بېلىتى ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە قىممەت ئىدى.ئۇ پويىز بېلىتىنى ئوڭۇشلۇق قايتۇرىۋەتكەن بىلەنمۇ يېنىدىكى پۇل بېلەتكە چىقىش قىلمايتتى.قانداق قىلىش كېرەك؟ئۇ ئۈمۈدسىزلىنىپ ئۆزىنى ياندىكى ئورۇندۇققا گۈپپىدە تاشلىدى.شۇنداقتىمۇ كىملەردىندۇر ئۈمىد كۈتۈپ،ئۇنىڭ بۇنىڭغا،ئەتراپىغا،كىرىپ چىقىۋاتقان،ئۇيان بۇيان ئۆتۈشىۋاتقانلارغا بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ قارىدى.شۇ ھالدا يېرىم سائەتچە نېمە قىىلشنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ قالدى.ئاخىرى ياشلانغان كۆزلىرى كۈتۈش زالىغا ھاسىراپ ھۆمۈدەپ كىرىپ كېلىۋاتقان ھەمىدەنى كۆرگەندە،ۋۇجۇدىغا ئىللىققىنە بىر سېزىم تارالغاندەك بولۇپ كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلدى. ــ ھەمىدە...مەن قانداق قىلاي؟...ــ دېدى نەزەر ھەمىدە ئالدىغا كەلگەندە،ــ كۆردۈڭمۇ؟مېنىڭ ئايرۇپىلان بېلىتى ئالغۇدەكمۇ پۇلۇم يوق...مەن بەك جىق پۇلنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن جۇمۇ... لېكىن ئانامنىڭ ھاياتىنىمۇ ئىسراپ قىلىۋېتىدىغىنىمنى پەقەت ئويلىماپتىمەن... مەن بىر ئەبلەخ،ھەمىدە!نېمە دېگەن ۋىژدانسىز مەن ھە...ئاھ،شۇ تاپ يۈرىكىم يېرىلىپ كەتسە ئىدى،بۇ ئازابلاردىن قۇتۇلغان بولسام! ـــ ئۇنداق دېمە،ـــ دېدى ھەمىدە نەزەرنىڭ قوللىرىغا ئېسىلىپ.شۇنداق دېگەچ،سومكىسىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقاردى،ــــ مۇشۇنداق بولۇپ قالمىسۇن،دەپ،بايا باللىدىن ئاڭلاپلا،كەينىڭدىن كېلىشىم...مانا قارا،سەندە بولمىسا مەندە بار،ئېسىڭدىن چىقتىمۇ؟تۈنۈگۈن مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالانغىنىم ھەم بۇ پۇللارنى مۇكاپات ئالغىنىم؟... مۇشۇ يېتىدۇ،نەزەر.ماڭە بېلەت سېتىۋالايلى،ئولتۇرىۋەرمە،ھېلى شۇمۇ تۈگەپ كەتمىسۇن... ــ ساڭا رەھمەت... مەن بۇ ياخشىلىقىڭنى چوقۇم قايتۇرىمەن!ــ دېدى نەزەر تەسىرلىنىپ.شۇنداق دېگەندە خىيالىغا ئاجايىب غەلىتە،ئەخمىقانە،ئەينى ۋاقىتتا ئانىسى ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بىر بالا ئۈچۈن ئويلىماسلىققا تېگىشلىك بىر خىيال كەلدى. چوقۇم بۇ قىزغا ئۆيلىنىمەن! * * * شۇ كۈنى كەچ كىرگەن مەزگىلدە،ئۇ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى.بۇ چاغدا يىراق يېقىندىكى تۇقققانلار ھويلىغا يىغىلىپ بولغان،خۇلۇم خوشنىلارمۇ دېققەتتە تۇرۇپ،ئارلىقتا كىرىپ چىقىپ يۈرىشەتتى.نەزەرنىڭ ئالدىغا كىچىك تاغىسى بىلەن ئاكىسى چىقتى.ھېچكىم ئارتۇق گەپ قىلمايلا،ئۇنى ئانىسىنىڭ يېنىغا باشلاپ كىرىشتى.ئانىسىنىڭ بېشىدا دادىسى غېرىبسىنغان ھالدا يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى.نەزەرنى كۆرۈپ كۆز ياشلىرىنى تۆكۈۋەتتى. ـــ ئانا...نەزەر كەلدى،كۆزىڭىزنى ئېچىڭە جېنىم ئانا...ـــ دېدى ئاكىسى تىترەك ئاۋازدا. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئانا يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىنى كۈچەپ ئاچتى ۋە چوڭقۇر بىر ئازاب،بالىلىق مېھىر مۇھەببەت،قىيماسلىق،ئىشەنچسىزلىك بىلەن ئۆزىگە يۈكۈنۈپ تۇرغان ئوغلىنىڭ باشلىرىدىن سىيلاپ كۈچەپ ئەھۋال سورىدى: ــ كەلدىڭمۇ قارچۇقۇم...ــ دېدى ئۇ،ـــ دىپلومىڭنى ئالدىڭمۇ؟ ـــ ھەئە،جېنىم ئانا...ئالدىم...سىزگە كۆرسىتەي ھە...ـــ دېدى نەزەر بۇقۇلداپ يىغلاپ.ئانا نەزەرنىڭ سومكىسىنى ئالمان تالمان ئاختۇرىۋاتقانلىقىغا،ئۇ يەردىن قىپقىزىل دىپلومىنى تارتىپ چىققانلىقىغا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇردى ۋە ئوتقاشتەك چاقناپ تۇرغان دىپلومنى ھالسىزغىنە قولىغا ئېلىپ ،ئېرىگە ۋە چوڭ ئوغلىغا قاراپ پىسىڭڭىدە كۈلدى. ــ ئەجەپ چىرايلىقكەن ھە دادىسى...ئەجەپ بەلەن بولدى... ــ دېدى ئۇ...خۇددى ھاردۇقى چىققاندەك ئۇزاق بىرنى تىندى.ئاندىن چىرايىدىكى تەبەسسۈم يوقاپ قاپاقلىرى ئاستا ئاستا يېپىلدى.ۋالىلداپ تۇرغان دىپلوم بولسا ئۇنىڭ جانسىز بارماقلىرى ئارىسىدىن سىيرىلىپ يەرگە چۈشتى. ــ سەۋر قىلىڭلار...ئايگۈلخان جان ئۈزدى...ــ دېدى چوڭلاردىن بىرى.بۇ شۇم سۆزنى ئاڭلاش بىلەن نەزەر ئۆزىنى غايەت زور قورام تاش بېسىۋالغاندەك ھېس قىلدى.كۆز ئالدىنى بىردىنلا قاراڭغۇلۇق قاپلاپ نەپەس ئالالمىدى.كۆكرىكى چىڭقىلىپ ئەلەملىك بىر نىدا ئېتىلىپ چىقتى. ــ ئانا!مېنى كەچۈرۈڭ!جېنىم ئانا!.... ئۇ بار ئاۋازى بىلەن ۋاقىرىدى.بىراق يەنە كېچىككەنىدى.ئانىسى ئەمدى ئاڭلىيالمايتتى.ئانا بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلىرىنى ھەتتا ئوغلىنىمۇ تاشلاپ كەتتى، تەغدىر بىزنى كولدۇرلىتىپ نېمىشقا مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارىدىغاندۇ؟ نەزەر ئاچچىق ئاچچىق يىغلىدى.ئىچ ئىچىدىن چىققان دات پەرياتلار،كۆز ياشلىرىنى مەيلىگە قويۇپ بەردى. شۇندىن كېيىن ئۇ ناھايىتى ئازابلىق ۋە ئېغىر كۈنلەردە ياشىدى.خىزمەتكە چىقىپ ھەمىدە بىلەن توي قىلدى.خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلىدى.ئۆزىنى خىزمەتكە،ئائىلىسىگە ئاتىۋەتكەنىدى.مانا مۇشۇ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن يىراق يېقىندا بەلگىلىك تەسىرى بار نوپۇزۇق ئەرباپقا ئايلاندى. ئىككى ئوغۇلنىڭ ئاتىسى ئىدى.دادىسى بىلەن بىللە تۇراتتى.ئانىسىغا قىلالمىغانلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن،دادىسى بىلەن ئاكىسىغا قىلالىغانلىكى ياخشىلىقنىڭ ھەممىنى قىلىپ بەردى.دادىسىنىڭ كۆڭلى نەدە ئېچىلسا شۇ يەرگە ئاپاردى.شۇنچىكى ئاغرىدىم دېسە دەرھال چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ باراتتى.ھېچقاچان پۇلدىن قسىمايتتى.ئەڭ راھەت،ئەڭ ئېسىل كىيىملەرنى كىيدۈرەتتى.دادىسىنىڭ رازىمەنلىك بىلەن كۈلگىنى،ئۆزىنى باشقىلارغا ماختاپ بېرىشلىرى،دۇئا بېرىشلىرى ئۇنى خوشال قىلاتتى-يۇ،لېكىن كۆڭلىدىكى ئانىسىغا قارتا قوزغالغان ئازابى،پۇشايمىنى زادىلا بېسىلمايتتى.

7-قىسىم

كۆڭلىدىكى ئانىسىغا قارتا قوزغالغان ئازابى،پۇشايمىنى زادىلا بېسىلمايتتى.بۇ خىل ئازابنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ.ھېچقانداق ئادەم ئانىنىڭ ئوتىنى باسالمايدۇ. -ئاھ، ئانا بەلكىم سىز مېنى كەچۈرۋەتكەنسىز... ئەمما مەن ئۆزۈمنى كەچۈرەلمىدىم. ئانا،ئانا...مەن سىزگە نېمە قىلىپ بەرسەم،قانداق قىلسام،ئاندىن پۇشايمىنىم ۋە سىزگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمنى ئىپادىلەپ بېرەلەرمەن؟... * * * ئۆتمۈشنى ئەسلەش نەزەرنى ئازابلايتتى.ئۇ قۇشۇمىلىرىنى تۈردى.زىباغا نەپرەت بىلەن قاراپ ئولتۇراتتى.مانا شۇ نەپرەتلىك ئايال بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىش توغۇرلۇق خىلمۇ خىل تەسەۋۇرلارنى قىلىپ باققان ئىدى.ئۇنى كۆرگەنلا يەردە يۈزىگە تۈكۈرۋەتمەكچى بولغانىدى. دۇنيادىكى ئەڭ ئاچچىق،ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز سېسىق گەپلەر بىلەن ئۇنى تىللىماقچى ئىدى.ھەتتا يۈزىگە مۇشت بىلەن سالماقچى،ئانىسى ئۈچۈن،ئۆزىنىڭ ۋەيران بولغان قىسمىتى ئۈچۈن ھېچنېمىگە قارىماي ئۆچ ئالماقچى ئىدى.لېكىن ئۇنى بۇ يەردە،بۇ سوتخانىدا ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ زادىلا ئويلاپ باقمىغانىدى.ئۇ زىبانى، بىر چاغلاردا ئۆزى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرگەن،شۇنداقلا ئۆزىدەك ئالدانغان ۋەلى ئىسىملىك باش جىنايەتچىگە ئىختىيارسىز ھېسداشلىق قىلىپ قالدى.ئەگەر شۇ چاغدا ئۇ زىبادىن ۋاز كەچمىگەن بولسا(ياق،زىبا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىگەن،ئايرىلمىغان بولسا)،بەلكىم بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ ئەرنىڭ ئورنىدا ئۆزى تۇرغان بولاتتى-دە. نەزەر پۈتۈن سوت جەريانىدا ئەس ھۇشىنى مۇشۇنداق يىغالمىغان ھالدا ئولتۇردى.زىبانىڭ ھەر بىر ھەركىتىگە زەڭ سالاتتى.كۈزىتەتتى. بۇ ئايال ھەقىقەتەن يەنە شۇنداق گۈزەل ئىدى.ساپ سېرىق چاچلىرىنى ھەر بىر سىيپىغاندا ئۈزۈكىدىكى ئۇششاق بېرىليارت كۆزلەر نۇرلىنىپ كېتەتتى.لېكىن«خارەكتىر ئانالىز ئىلمى»دە،خېلىلا كامالەتكە يەتكەن نەزەر،بۇ گۈزەل چىراينىڭ ئاستىغا چىڭقىلىپ كەتكەن چۈشكۈنلۈك ۋە بىچارىلىكنى ھېس قىلماي تۇرالمىدى.شۇنداق،بۇ ئايال ئاز كۈنگە قالماي،غەم قايغۇ ۋە كېسەلىككە پېتىپ تىكەندەك يالغۇز قالىدۇ.كىمدىن ياردەم سوراشىنى بىلمەيدۇ.ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغان ئەمەس،تەسەللى بېرىدىغانغىمۇ ئادەم تاپالمايدۇ.ھەتتا بىرەر دوستانە نەزەرگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرى قاراڭغۇلۇق ۋە ۋەھىمىگە پاتقان ھالدا بىر قاراڭغۇ ئۆيدە يالغۇز ئۆلۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. پەقەت شۇ چاغدىلا ئوڭ سولى،ئالدى كەينىگە گۈل ئەمەس،بىر ئۆمۈر تىكەن تېرىپ كەلگەن گۇناھى ئۈچۈن يەتكۈچە جازالىنىپ،ياقا يىرتىپ تۆۋبە قىلىدۇ.ھالبۇكى،ئۇ بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن كېچىككەن،ۋاختى قالمىغان بولىدۇ.بىر گۇناھكار قەلب ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر جازا بولامدۇ؟ نەزەر ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى.ئازابنىڭ بۇ مەنبەسىنى يەنىلا قانۇننىڭ، تەقدىرنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىغا تاپشۇرۇش قارارىغا كەلدى.ۋە نەزىرىنى سوتنىڭ سوتلىنىش جەريانىغا قاراتتى.دېققەت قىلغاندا،بۇ دىلودا نۇرغۇنلىغان چۈشۈنۈكسىزلىك،نۇرغۇنلىغان گۇمانلىق تەرەپلەر بار بولۇپ،سوتنىڭ ھازىرمۇ سەل يېنىكلىك بىلەن ئېچىلىپ قېلىۋاتقىنى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇراتتى. شۇ دەقىقىدە زىبامۇ ئۆزىگە تىكىلگەن جىددى ۋە چوڭقۇر غەمكىن كۆزلەرگە دىققەت قىلىپ قالدى.ھەقىقەتەن،سوت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر ئەر ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. بۇ قوي كۆزلەر،بۇ بۇغداي ئۆڭ چىراي ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي تونۇش ئىدى.لېكىن ئۇ ئۇنى زادى قەيەردە،قاچان كۆرگەن بولغىيدى؟ئۇ بۇ كىشى بىلەن جەزمەن ئۇچراشقان، پاراڭلاشقانىدى. بىراق مۆلچەرىچە بۇ ناھايىتى ئىلگىركى ئىش بولۇپ تۇماندەك غۇۋا ئىدى.ئەنە شۇ غۇۋا بىر ۋەقە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ئۇ ئەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتۇردى.دەل شۇ دەقىقىدە، تۇماندەك بىر كۆلەڭگە ئاستا ئاستا روشەنلىشىپ،بىر ئاشىق يىگىتنىڭ ساپ ساددا چىرايى لەپپىدە كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى.شۇنداقلا«نەزەر»دېگەن ئىسىممۇ ئۇنىڭ دىلىدىن تىلىغا ئېتىلىپ كېلىپ، ئەينى يىلى ئۆزىگە ئاشىق بىقارار بولغان بۇ ئەرنى تولۇق ئەسلەشكە باشلىدى.ئۇنىڭ ئۆزىنى قوغلاشقان چېغىدىكى سەۋدايىلىقى،چاققان ھەركىتى،يالۋۇرۇپ كۆز يېشى قىلشلىرى،ئاغرىپ قالغانلىرىدا پايپېتەك بولۇشلىرى،ياخشى يىمەكلىكلەرنى ئۆزى يىيىشكە قىيماي،ئۇنىڭ ئۈچۈن ساقلاشلىرى،ھەتتا ئوقۇش پۇلى تاپشۇرىدىغان پۇلىنىمۇ ئۆزى ئۈچۈن خەجلەپ تۈگەتكەنلىكى... بىر ساياھەتتە قايسىدۇر بىر ئىشلار سەۋەب بولۇپ،ئۇنىڭ ئۆزىدىن رەنجىپ كەينىگە قايتقىنى،ۋە شۇندىن كېيىن يوقاپ كېتىپ،زىبا مەكتەپتىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئاخىرقى بىر كۈندە،ئۈستىبېشى ئاۋارە بىر ئايال بىلەن روبىرو ئۇچرىشىپ قالغىنى... ئېسىگە كەلدى.شۇنداق،بۇ بىر مۇھەببەت ھېكايىسى،تولىمۇ تەسىرلىك ۋەقەلەر ئىدى.لېكىن ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھەببەت،ساداقەت،ئويۇن تاماشا كەم ئەمەس بولۇپ،كەم بولۋاتقىنى پەقەت پۇللا ئىدى.ھالبۇكى،بۇ كەمتۈكلۈكنى بۇ نامرات يىگىت ئەسلا پۈتۈنلەپ بولالمايتتى. زىبا بىر ئۆمۈر مانا شۇ كەمتۈكلۈكنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى. ئانىسىغا ئەگىشىپ ئامرىكىغا باردى.ئۇنىڭ ئانىسى ئىنتايىن گۈزەل بەجايىكى ئەتتىرگۈلنىڭ ئۆزى ئىدى.بىراق ئائىلە،ئەر،بالا ۋە كېسەللىك ئەتتىرگۈلنىڭ دۈشمىنى ئىكەن.ئۇ ئامرىكىغا بېرىپ بىر يىل بولماي ئۇستىخان تۇبۇركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولدى ۋە ناھايىتى تېزلا سولۇپ،سەتلىشىپ،بوسۇغىدىن ئاتلىيالمايدىغان كېسەلمەنگە ئايلىنىپ قالدى.شۇ ھالدا تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە ئېتىبارسىز، قەدىرسىز گوياكى سېسىق كۆلچەكتىكى بېلىقتەك ياشاپ،ھەسرەت ئىچىدە كۆز يۇمدى. ئانىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن زىبا بوۋاينىڭ ئۆيىدىن ئايرىلدى.ئۇنى ئامرىكىدا جاپا چېكىپ ئىشلىدى،بىر تىيىن پۇلنىڭ تۆشۈكىدىن مىڭ قېتىم ئۆتتى دەپ خاتا تەسەۋۇر قىلىپ قالماڭ.ئەكسىچە،ئۇ،ناھايىتى راھەتتە ياشىدى.چۈنكى،ئۇ،ئانىسى ھايات ۋاختىدا،ئۇنىڭ مەغلۇب ھاياتىدىن يەتكۈدەك ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن،ئۆزىنىڭ ھامان قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىپ،بوۋاينىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاپ ئۈلگۈرگەنىدى. بوۋاي پىخسىق، نامەرت بولغىنى بىلەن ئوغلى رىچارد،دادىسىنىڭ ئەكسى،باي،مەرت،سېخىي، ئىدى.خوتۇن باللىرى باشقا ئىشتاتتا تۇرىۋاتقاچ،زىبانى يېنىغا ئالدۇرىۋالدى.ئۇنىڭغا ئېسىل كىيىم كېچەك زىبۇ زىننەتلەرنى سوۋغا قىلاتتى.ئۇنى ئېسىلزادىلەرنىڭ سورۇنلىرىغا باشلاپ كىردى،بىر نەچچە دۆلەتلەرگە ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇردى.ئۇنىڭغا راھەت پاراغەت دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى،پۇل مالنىڭ قۇدرىتىنى ھەقىقەتەن تونۇتۇپ قويدى.لېكىن بىر يىلغا قالماي بۇ كۈنلەرمۇ ئاخىرلاشتى.رىچاردنىڭ ئايالى كارخانىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاپ،ئېرىنىڭ يېنىغا ـــ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلدى. رىچارد ئۈچۈن ئىككى ئايال بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىشرەتخورلۇق قىلىش ئەلۋەتتە ساداقەتسىزلىك ھېساپلىناتتى.شۇڭا ئۇ ئىككىلىنىپ تۇرمايلا زىبانى بىرمۇنچە سوۋغا سالام،پۇل پۈچەكلەر بىلەن رازى قىلىپ ئۆز ۋەتىنىگە يولغا سالدى. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن زىبا ئىلگىر كېيىن تۆت قېتىم ئەرگە تەگدى،تەگكەندىمۇ باي ئەرلەرگە تەگدى.بىر مەزگىل بايلىقنىڭ،ئىللىق ۋە تېنچ ئائىلىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگەنمۇ بولدى.لېكىن بۇنداق تۇرغۇن تۇرمۇشتىن تېزلا زېرىكتى.ئائىلىسىگە،ئېرىگە ئەقىدە،ئەجىر قىلالمىدى.چۈنكى ئۇ مۇھەببەتنىڭ ئانىسىنى،ئانىسىغا ئوخشاش سان ساناقسىز ئاياللارنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەچكە،مۇھەببەتكە،ئەرلەرگە زادىلا ئىشەنمەيتتى.بالا تۇغۇشنى تېخىمۇ خالىمايتتى.ئۆزى ئەنسىز،كۆڭلى قانائەتسىز،شۇنچە باياشات،ھۇزۇر ھالاۋەتلىك تۇرمۇش ئىچىدىمۇ ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلالمىدى. ئېرىشكەنلىرى، قولىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقىنى ھامان ئاز تۇيۇلۇپ،ھەممىنى ئىگىلىۋالمىغۇچە ياكى ھەممىنى ۋەيران قىلىۋەتمىگۈچە تىنىم تاپمايتتى.مانا شۇ يۇسۇندا ئۇ تالاي يىللارنى ئۆتكۈزىۋەتتى.نۇرغۇن ئەرلەر،يىتىم بولغان بالىلار،تۇل ئانىلار،ئاياللارنىڭ كۆزىدىن ياش ئەمەس قان ئاقتۇردى.لېكىن ئۇنىڭ بۇلار بىلەن پەرۋايى پەلەك ئىدى.باشقىلارنىڭ ھەسرەت نادامەتلىرى،دات پەرياتلىرىغا خۇددى لەززەتكە كۆنگەندەك كۆنۈك ئىدى. ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ ئىشەنگەن چىرايدا،يىغىۋالغان مال دۇنيادا،ياشتا،ۋاقىتتا ۋاپا يوقكەن.ئۇ خۇددى ئالقاندا تۇرمايدىغان كېپەك ئالتۇنلاردەك ئېقىپ،سىيرىلىپ قۇندۇزدەك قارا چاچلىرىڭغا ئاق ھەل بېرىدىكەن.يادەك قەددىڭنى ئېگىدىكەن.ۋە ئاخىرى سېنى بىر مېھىرلىك سۆزگە،بىر مېھىرلىك كۆزگە زار بوۋاي ياكى مومايلارغا ئايلاندۇرۇپ تاشلايدىكەن.زىبا شۇ كۈنلەردە بۇ ھەقىقەتنى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىغان ھېس قىلىدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى.شۇڭىمۇ مۇنۇ ۋەلىگە ھېچكىمگە قىلمىغان ئەقىدە ئىخلاسى بىلەن ئىشەندى ۋە ئۇنى ئۆزىگە قېرىغاندىكى ھەمراھ قىلىپ تاللىۋالدى.لېكىن ئېلىشمىغۇچە تېپىشماس دېگەندەك،ۋەلى ھە دېسە چىرايلىق سۆزلەپ،ئۆپكىنى قۇيرۇق قىلىپ كۆرسىتىپ زىبانىڭ ھېسىياتىنىلا ئەمەس،بىرمۇنچە پۇل ۋەجى،خېلى پۇلغىمۇ بەرمىگەن زىمىنىنى سوقۇۋالدى.زىبا بۇ ئاھانەتكە،بۇ ساداقەتسىزلىككە قانداقمۇ چىداپ تۇرالىسۇن؟ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ،ئۇ ئىككىلىنىپ تۇرمايلا،ۋەلى ھېچكىم بىلمەيدۇ،دەپ،ساقلاۋاتقان،قىممىتى بەش نەچچە يۈز مىڭ يۈئەن قىممىتىدىكى قاش تاشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قولغا چۈشۈردى-دە،ئالدىنقى ئايدا جايىدا سۇ قىلىپ،تارتقان زىيىنىنىڭ ئورنىنى نەچچە قاتلاپ تولدۇرىۋالغان بولدى.بىراق شۇ كۈنلەردە،تاشنىڭ دېرىكىنى قىلىۋاتقانلار،ھەتتا ئۇنىڭغا قوقاق سېلىۋاتقان باشقا شېرىكلەرمۇ بار ئىدى.زىبا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئەنسىز ئىدى.ئەگەر ساقچى تەرەپ،ئۇنى سىرتقا يۆتكەلمەسلىككە ئاگاھلاندۇرمىغان بولسا،بۇ چاققىچە ئۇ ئاللىقاچان قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ بو يەردىن غايىب بولاتتى. نەزەرنى تونۇپ قالغان مۇشۇ ۋاقىتتا،زىبادا توساتتىن بىر ئارزۇ پەيدا بولدى.يەنى ئۇنىڭ نەزەرنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىنى بىلگۈسى كەلدى.ئۇ ھازىر توي قىلغانمىدۇ؟بەختلىكمىدۇ؟ھېلىمۇ مېنى ياخشى كۆرەمدىغاندۇ؟...دېگەن خىياللار كاللىسىغا كەچتى. ھەتتا مۇشۇ ۋاقىتتا ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ سەۋدا يىگىتتىن يەنە بىر قېتىم پايدىلىنىش قارارىغا كەلدى.كەلدى-يۇ، بۇ نىيتىدىن تېزلا ياندى.چۈنكى نەزەرنىڭ ئاددى ئۈستىبېشى،سىرتتىن قاتناشقانلارنىڭ قاتارىدا،ئەڭ ئاخىرىدا،بىر بۇلۇڭدا چىرايى سارغايغان ھالدا،جىمجىت نېمىلەرنىدۇر جىجىپ ئولتۇرۇشلىرى كۆڭلىگە ياقمىغانىدى..مۇبادا،ئۇ شۇ تاپ مۇنۇ سوتچىنىڭ،تەپتىشنىڭ ياكى ھېچ بولمىغاندا ياردەمچى سوتچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە!زىباغا چوڭ سايىۋەن،مەزمۇت تېرەك بولۇپ مۇنۇ ۋەلى دېگەن كاززاپنى ئۆمۈر بويى تۈرمىدىن چىقالمايدىغان قىلىپ كېسىپ بېرەتتى.ئەپسۇس،بۇ نەزەر زىبانىڭ نەزىرىدە يەنە شۇ «ئاتام ئېيتقان بايىقى»ھالىتىدە قالغانىدى.بۇنداق ئادەم نېمىگىمۇ ئەسقاتسۇن؟....شۇنداق ئويلىغان زىبا كۆزلىرىنى دەرھال نەزەردىن ئەپقاچتى. يەنە سەككىز كۈندىن كېيىن ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان بولۇپ،سوت يېپىلدى.زىبا بۇ يەرگە باشتا قانداق كىرىپ كەلگەن بولسا يەنە شۇنداق سالاپىتى بىلەن تاقىلداپ مېڭىپ،ئىلغۇچتىكى پەلتۇسى بىلەن شىلەپىسىنى كىيدى.نەزەر بىلەن روبىرو ئۇچرىشىپ قېلىشنى ئەسلا خالىمايتتى.ئۇنىڭ شۇ تاپ چۈشلۈك تاماققا كېلىشىپ قويغان مۇھىم بىر ئۇچرىشىشى بار بولۇپ،بۇ يەردىن چىقىپ ئۇدۇللا شۇ يەرگە باراتتى.لېكىن ئەزەلدىن يۈرۈش تۇرۇش،كىيىنىش ۋە گىرىملىرىگە قاتتىق ئېتىبار بېرىدىغان بولغاچقا زالدىن چىقىپ،ئۇدۇل تازلىق ئۆيىگە كىردى.ئۇ يەردە سۇسلاپ قالغان لەۋ سۇرۇقىنى تولۇقلاپ،چاچلىرىنى،پۈرلەشكەن كىيىملىرىنى تۈزىۋالدى.دەل شۇ چاغدا يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىككى قىزنىڭ بىر بىرىگە دېيىشىۋاتقان پارىڭى قۇلىقىغا كىرى قالدى. ـــ نەزەر يۈئەن جاڭ، تۆتتە يىغىن ئاچىدىكەن جۇمۇ،يەنە كېچىكىپ قالما! ـــ ۋاي بىلىمەن...دېگىنە،ئۇ چوقۇم بايىقى سوت توغۇرلۇق ئاچىدۇ،سەنچىچۇ؟ ـــ بىلمىدىم...بايا دىققەت قىلدىڭمىكىن؟بايا كوللىگىيە باشلىقى بەك تەمتىرىدى.... ــ يۈئەن جاڭ سىرتتىن ئاڭلاۋاتقان تۇرسا تەمتىرمەي قالامتى ئەمىسە؟... زىبا قىزلار يىراقلاپ كېتىپ،زىبا ئۇلارنىڭ كېيىن يەنە نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىيالمىدى.لېكىن ئۇلارنىڭ«نەزەر يۈئەن جاڭ» دېگەن مۇشۇ سۆزىلا ئۇنىڭغا خۇددى ئوچۇق ئاسماندا ھاۋا گۈلدۈرلەۋاتقاندەك تۇيۇلدى.راستمىدۇ؟ئۇ راستلا يۈئەن جاڭ بولۇپ كەتكەنمىدۇ؟ئاشۇ سەۋدايى نەزەر ھە؟...دەپ پىچىرلىدى ئۇ.شۇ كەمبەغەل بالىنىڭ «يۈئەن جاڭ»ئىكەنلىكىگە تازا ئىشىنەلمىدى.لېكىن ئۇ خاتا ئاڭلىمىدى-دە.بۇ يەردە باشقا بىر نەزەرنىڭ بولۇشى،سىرتتىن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قاتارىدا ئولتۇرىۋېلىشى مۈمكىن ئەمەس.بۇ تەرپىگە ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ مېڭىسىدە شۇ دەقىقىدە جىددى پايدا زىيان كۈرىشى بولۇپ ئۆتتى،سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى ئىندەككە كەلتۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا،كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ قويغىنى بەكمۇ ئادەتتىكى ئادەم بولمىغاچقا،بارماقچى بولغان يېرىدىن تېزلا يالتايدى-دە،تېلفۇنىنى ئېتىۋېتىپ،ئالمان تالمان تالاغا قاراپ ماڭدى.شۇنداق،ھازىر بولسىمۇ نەزەرگە تونۇشلۇق بېرىش كېرەك،دەپ،ئويلايتتى ئۇ.چۈش ۋاختى بولغاچ،خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىراپ ئۆيلىرىگە قايتىشىۋاتاتتى.زىبانىڭ پەرىزىچە بولغاندا،نەزەرمۇ چوقۇم ئۆيىگە قايتاتاتتى.بەلكىم ئۇ بىرىنچى قەۋەتتە،ياكى سىرتتا ساقلاپ تۇرسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىش،تامامەن مۈمكىن ئىدى.زىبا پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى.ئەگەر نەزەر بىلەن ئۇچرىشالماي قالغۇدەك بولسا،ئۇنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى سوراپ بىلىپ،تېلفۇن قىلماقچى بولدى. دەرۋەقە،ئۇ تالاغا چىقىپ ئۇيان بۇيان قاراپ تۇرىۋېدى،ياندىكى كىچىك ئىشىكتىن نەزەر چىقىپ قالدى.ئۇنىڭ يېنىدا يەنە ئىككى ئادەممۇ بىللە كېلىۋاتاتتى. ـــ نەزەر...قانداق ئەھۋالىڭىز؟مەن...زىبا...ـــ دېدى زىبا مەغرۇر قەدەملەر بىلەن ئالدىغا مېڭىپ. ـــ زىبا؟...زىبا بولسىڭىز نېمە بوپتۇ؟ـــ دېدى نەزەر جاۋابەن.زىبانىڭ ئالدىدا قەدەملىرىنى سەل ئاستىلاتقان بولسىمۇ زادىلا توختىمىدى.يەنە كېلىپ ئۇنىڭ گېپى چىرايىدىن ئۆتە سوغوق بولۇپ،زىبانىڭ ۋۇجۇدىغا ئىختىيارسىز تىترەك ئولاشتى. ـــ قاراڭە،ئۇنتىدىڭىزمۇ؟بىز ساۋاقداش...ـــ دېدى زىبا زورۇقۇپ ئىككى قەدەم ئەگىشىپ.لېكىن نەزەرنىڭ ئۆزىگە قارىغان كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان چەكسىز بىر يىرگىنچ گويا ئەجەللىك ئوق بولۇپ ئۇنىڭ يۈرىكىگىلا تېگىپ ئۇ ئىزىدا شىپپىدە توختاپ قالدى... نەزەر كېتىۋەردى.كۈمۈش رەڭ دالا ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە،يېنىدىكى ئادەم رولغا ئۆتۈپ ئۇ ماشىنىنىڭ ئالدىغا چىقتى.ئۆزىگە ھۇشىنى يوقاتقاندەك تەلمۈرۈپ تۇرغان زىباغا ئۆرۈلۈپ بىر قېتىممۇ قاراپ قويمايتتى.ھەتتا ماشىنىسى قوزغالغاندا،كۆرسىتىش ئەينىكىدىنمۇ قاراپ قويمىدى.لېكىن زىبا ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى.ئۆزى يالغۇز قالغاندىمۇ نەزەرنىڭ ماشىنىسى قوزغالغان ئاشۇ بوشلۇققا قېتىپ قاراپ قالغانىدى.شۇ ھالدا قانچىلىك ۋاقىت تۇردى،بىلمەيتتى.ئەتتىگەندىن بېرى يېغىۋاتقان قار بارغانسىرى ئەدەپ كەتمەكتە ئىدى.ئۇنىڭ تېلفۇنى توختىماي سايراشقا باشلىدى.مانا شۇ چاغدىلا ئۇ سەل ئېسىگە كەلگەندەك،ئاڭسىز ھالدا شىلەپىسىنى باسۇرۇپ قويدى-دە،ئالدىغا قاراپ ماڭدى.بىراق كىرپىكلىرى ئۈستىدە سوغوق ھەم قاتتىق بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى،يۈزىگە سۈرتكەن ئۇپىسىنىڭمۇ بۇزۇلۇپ بولغانلىقىنى تۇيدى.دېمىسىمۇ ئۇ يىغلاۋاتاتتى. تۈگىدى

1
2
3
4
5
6
7